ئوتتۇرا دېڭىزدا ئىزگۈ ئىستەكلەر

Ottura dengiz tilek

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Ottura_dengizda_izgu_tilekler.mp3

 

كۈن چۈشكەن بېشىغا يانار تاغلىرى،

مۇسسولىننىڭ پۇتى كۆيگەن دېڭىز.

يېمىشكە تولغان بوستان باغلىرى،

سوقۇلغان تاش قورغىنى ئەڭ ئېگىز.

 

بېلىجانلار سەييارە دېڭىزدا شوخ – شوخ،

شاراپ تەمى ئىدىشتىن كەتمىگەن يوقاپ.

بىر جۇپ گەۋدە ساھىلدا دۇنيادىن بىھۇش …

مۇھەببەت كۈيى ياڭراق دولقۇنلۇق شۇتاپ.

 

يالتىرار كۆمۈش رەڭدە بويالغان سۇلار،

قىزىرىپ كەتكەن ئۇپۇقتا سۆيگۈ يەلكىنى.

ئاھۇ ۋولقان باغرىدا بەختى يوق تاغلار،

تەۋرىتەر بۇ زېمىننى ھەر بىر سەلكىنى.

 
[تولۇق ئوقۇش]

باھار ئاشىقلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(تارىمنىڭ چۆل گۈللىرىنى سېغىنىپ)

 

چۆل گۈلى ـ
يۇلغۇن قىز قىزىرىپ
باھار ھۆسنىگە ھۆسىن قاتتى.
يانتاقجانغا كۈن بىلەن تەڭ
ئالەمگە كۈلۈپ باقتى.

 

تېرەك بوۋاي
باھار ئاپتىپىدا بېشىنى قاشلاپ
پوتلىسىنى يېنىغا تاشلاپ
يېشىل يوپۇرماققا ئاستا يۆگىنىپ ـ
چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا پاتتى!

 
[تولۇق ئوقۇش]

تۈن كېچىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ھەر كۈننىڭ تۈن كېچىسى،
ئۇ يېرىمى تۈنۈگۈندىن ئېشىپ قالغان.
ھەممە نەرسە كۆزگە مەۋھۇم،
شوخ يۇلتۇزلار بېقىشقان،
چىرايلىق ئاي بۇلۇت كەپىسىدىن –  
ناز بىلەن سوزۇلۇپ چىققان!

 

ئۇيقۇسى سەگەك ئويغاق زېمىن،
دۇنيا گۈزەللىكىگە مەدھىيە ئوقۇپ،
ھەم رەزىللىككە نەپرەت ئوقۇپ،
سامان يولىغا ھەۋەس بىلەن باققان.

 

تۈڭلۈكتىن چۈشكەن تولۇن ئاي –
بۇ كېچە دوڭ مازاردا،
گۈلخان ياققان،
قورسىقى تازا ئاچقان –
بەڭگىنىڭ تاۋقىدا ئاش بولۇپ قاتقان.

ئاشىق تۇغى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

پېشانەمدىن تەپچىدى تەر،
كۆز قىرىمدىن سىرغىدى ياش.
ئىككىسى سۆيۈپ مەڭزىمنى،
بوينىمدا بولۇشتى ئاداش.

 

قۇلقىمدىن شامال ئۆتۈشتى،
چاچلىرىم زوق ئۇسۇل ئوينار.
بۇرنۇمدا نەپەس قىينىقى،
ھالى يۈركىم زەئىپ سوقار!

قۇش ئاۋازى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

قۇش ئاۋازى زەپ شوخ ئاۋاز،
ھەر كۈن بېغىم مېھمىنى.
تىنمايسەن سايراپ سەھەردە،
ئېيتساڭچۇ بىلەي تىلىڭنى؟

 

مەنمۇ سەندەك بولسام ئىدى،
خۇشئاۋاز سەھەردە سايراپ.
قوغلىۋەتسەم شۇ دەردىمنى،
يوقالسىدى مەندىن ئازاب!

كۈن ۋە تۈن تەڭلەشكەن كۈنىدە

كۈن ۋە تۈن تەڭلەشكەن كۈنىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

بىۋاستە ئاڭلاش: Kun_tun_tengleshkende.mp3

 

‎ھاياتنىڭ سېھرىگە تولغان بۇ يىللار،
‎مېھنەت كوچىللىرىڭدا ئالدىراش ئۆتتۇم.
‎ئارمان يۇلتۇزلۇرۇم ياندى ئۆچمىدى،
‎قۇتلۇقلاپ قولۇڭغا دەستە گۈل تۇتتۇم.

 

‎ سۆيىمەن ھاياتنى دۇنيا گۈزەلدۇر،
‎بولساممۇ چۆللەردە ۋەسلىم بوستاندۇر.
‎تىلەيمەن بۈركۈتتەك پەرۋاز قىلىشنى-
‎كۆك ئاسمان ئەسلىدىن ماڭا ماكاندۇر!

 

‎قەلبىمنىڭ ئېيتمىغان ھېكايىسى كۆپ،
‎چايكىلار سۈكۈتتە دېڭىزلار گۇۋاھ.
‎ئۆتتى يىل سېغىنىشنى بېسىپ باغرىغا
‎ھەر پەسىل رەڭلىرى ماڭىلا ھەمراھ!

ئانامغا مەرسىيە

ئانامغا مەرسىيە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

”ئانا“ دىن ئۇلۇغ سۆز يوق.
”ئانا ئايىغىدا جەننەت بار“  

 

– ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى.

 

مەن بۇ مەرسىيەمنى پۈتۈن ھاياتىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىش يولىدا بۇ ئالەمنىڭ راھىتىدىن كۆرە قاتتىقلىقنى، بارلىق جەۋىرى جاپالىرىنى يەتكۈچە تارتقان، ھاياتنىڭ ھېچ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي بۇ ئالەمدىن ئوتكەن بارلىق جاپاكەش مېھرىبان ئۇيغۇر ئانىلارغا، جۈملىدىن مېنىڭ 12- فېۋرال ئەتىگە سائەت 2:40 مىنۇت ئۆتكەندە 4 پەرزەنتىنى، مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نەۋرىسىنى (مەن ئەڭ چوڭ نەۋرىسى) ۋە 16 چەۋرىسىنى مۇسىبەت قايغۇللىرىغا قالدۇرۇپ بىز بىلەن 82- يېشىدا ۋىدالاشقان جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن. ئەي سۆيۈملۈك ئانا، نامىزىڭغا بارالمىدىم…… مېنى كەچۈرگەيسەن! ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەت ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!

مۇھەببەت ھەممە …

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Muhebbet_hemmet.mp3

 

(بۇ شېئىرنى سەكراتتا يېتىۋاتقان كۆيۈمچان ئاتاجانغا بېغىشلايمەن!)

 

مۇھەببەت ھەممە …
بىزگە تەقدىم قىلىنغان تۇغۇلۇش بىلەن
ھەم تۈگىمەيدۇ ئۆلۈش بىلەن
يۈرەكتە ياشنايدۇ سۆيگەنلىرىم
بىرى باغ، بىرى تاغ،
بىرى دەريا… ھەممىسى باشقا بىر دۇنيا
شۇڭا بەخىتلىكمەن ئەركىم بىلەن.


ھەر كۈنى مۇساپىرنىڭ ئاسمىنىدىن
كۆزۈم يۇمۇلۇشتىن بۇرۇن،
سەھەردە يورۇق كۆرۈشتىن بۇرۇن
ئامانلىقنى مەن تىلدىم
يورۇق يۈزىڭلارنى
ئەتىنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن كۆزۈڭلارنى
تەبەسسۇمگە تولغان كۈلكەڭلەرنى
ماڭا كۆرۈش نېسىپ بولسۇن دېدىم…

بالىلىقتا مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baliliqta_muhabbet.mp3

 

مەن دەردىمنى تامغا ئېيتىپ ئۆگەنگەن،
ئاڭلارغا كىشىم يېنىمدا بولـمىغاچ.
كەلدى ياشاپ ئامانەتتە ئەقىدەم،
ئاشىق يۈرەك كۆيۈپ ساڭا تىنمىغاچ!

 

چوڭ بولساممۇ خىيانەت بالىلىقتا يوق،
ئېيتساڭمۇ گەر يالغاننى مەن سۆيمىدىم دەپ.
پاك مۇھەببەت تۆرەلگەن سەبئىيلىكىم ئۇ.
ياشنايدۇ مەن بىلەن تەڭ سۈيۈلۇپ ئەبەد!


بالىلىقتا بال، تەمى ئاداققا كەتمەس،
ئالـمىلىق باغ، رۇخسارىڭ سىماسى ئۆچمەس.
تىلىگەن ئىدىم تولسىمۇ قەلبىمگە ئازاب ـ
«ياشا سەن، بەخىتلىك بول بىر ئۆمۈر پەۋەس!»…

ھايات ئىشقى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئىلاۋە: ئەشۇ يىللاردا بۇ شېئىرنى يېزىشتىن تۇغۇلغان ئويلار – بىز ئادەملەر بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان “ھايات ئىشقى” نىڭ ھۇزۇرىدىن، “ئاخىرەتلىك “ نىڭ غېمىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالىغان ئەمەس. ھاياتىمىز مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە مۇشۇ بىر – بىرلىرىگە قارمۇ – قارشى ھۇزۇر بىلەن ئەندىشە ۋەسۋەلىرى بىز ھاياتلىق مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ بولغۇچە ئۆمۇرىمىزدىن خوشلىشىپ كېتىپ بولىدۇ….. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بەلكىم مەن ئىنسان ھاياتىنىڭ بىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان تەبئىي قانۇنىيىتى بىلەن قەلبىم قېتىدىن ئۇرغۇغان سوبيېكتىپ تۇيغۇمنى گۈزەل ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا شېئىرى ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كۆرگەن بولسام كېرەك, ئېھتىمالىم. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مەن بۇ شېئىرنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ھايات – ماماتلىقى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقىنى چەكلەيدىغان تەبئىي قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەس، بەلكىم ئادەملەر تەرىپىدىن يارىتىلغان ھاياتنىڭ سۇنئىي كىشەنلىرنى پاچاقلاشقا، بۇ ھاياتلىقتا مەن ئۈچۈن يارىتىلغان ئ‍ادالەتسىزلىكلىرىگە تىز پۈكمەي، ھاياتنى قىزغىن مېھرى – مۇھەببەت بىلەن باغاشلاشقا، ئۆزۈمنى تولۇپ – تاشقان ئۈمىد بىلەن، ئىجابىيلىق بىلەن مەن كۈتۈۋاتقان گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن مېھنەت ۋە ھىممەت بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بولسام كېرەك يەنى مەن مىلادى 1998 – يىلى غازىيانە ئاقسۇدا ياشاۋاتقان كۈنلىرىمدە !

(بۇ شېئىر 1998- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاقسۇ گېزىتىدە ئەزىز ئەيسا (يول) نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان) 

 

ھايات ئىشقى


ئىككىلەنمەيمەن،
سۆيگۈ ئالدىدا.
زارلىمايمەن،
تەقدىر قوينىدا.
يانغىن…
ئوتتىن پۈتكەن يۈرەك.
ئىرادەم ھاياتقا-
خانتەڭرىدەك….