
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
بىۋاستە ئاڭلاش: Sen_kelmiding.mp3
ئاپام سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
ئۆرۈك چېچەكلىگەندە
ئەمما سەن كەلـمىدىڭ.
قارلىغاچ كەلدى….
ئاتام سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
خازان تۆكۈلگەندە
ئەمما ئەجەل ساقلاپ تۇرمىدى …
ئۆزى ئاخىر خازان بولۇپ
تۆكۈلۇپ كەتتى
لېكىن سەن كەلـمىدىڭ ….
بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان
يايرىڭ سېنى سۆيەتتى
ئۇ سېنى سېغىنىپ كۈتەتتى
سەن ئۈچۈن ھەممىگە تەييار ئىدى
ئۇ سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
«يايرىم كېلۇر … » دەپ ناخشا ئوقۇيتتى ….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى بار
بىراق ئانىلارنىڭ قىسمىتى ئوخشىماس ئەينەن،
ئەگەردە سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز:
ئانىلار بايرىمى كۈنى بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلسىڭىز
ياكى ئانىڭىزغا يەكشەنبە كۈنلىرى تېلېفو قىلسىڭىز
ھېيىت كۈنلىرى ئانىڭىز بىلەن بىللە بولسىڭىز …
مەن سىزنى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسان دەيمەن.
ئېھ قەدىردان ئانا،
ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى پەرىشتە …
بالا قەلبىدە ئانا مەڭگۇ ياشايدۇ
بالا ئۇچۇن ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ
شۇڭا ئانىلارنىڭ مۇھىببىتىسىز
بۇ دۇنيا كۆكلىمەيدۇ.
شۇڭا مەن دەيمەن:
ئانىلار كۈنىدە –
مەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن
مەن ئانامنى ئۆز كۆزۈم كۆرەلمەيمەن
مەن ئانام ھەققىدە ھىچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن
بۈگۈنكى خاراب ھالىمغا ئوخشاش …
بايرام كۈنى مەن ئانامغا گۈل دەستە تۇتالمايمەن.
شۇڭا قەلبىمنى ئىزھار قىلغۇم كەلدى:
مېنىڭ ئانامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان
پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسىغا –
خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاپ چېكىۋاتقان ئانىلارغا –
دۇنيا ئانىلار كۈىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئەي پەرزەنت –
ئانىڭىزنى سۆيۈڭ
ئانىڭىزنى ھەر كۈنى سۆيۈڭ
پەقەت ئانىلار بايرىمى كۈنى كەلگەندە ئەمەس!
12-ماي، 2019-يىلى، لوندون
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Seghnish2.mp3
ھايات، كۆپتۇر سېنىڭ-
ئاچچىقىڭدىن تاتلىقىڭ
يىغاڭدىن شاتلىقىڭ…
شۇڭا ئالمىدەك يۈرىكىمگە سىغىپ كېتەر
مەندىكى سېنىڭ بارلىقىڭ!
ئەمما چىدىماس يۈرىكىم
مەن تىرىك تۇرۇپ
كىرپىكىڭدىن تامچە ياش سىرغىسا،
چۈنكى بۇرۇنقىلار دەپتىكەن-
«ئۈلۈمدىن باشقىسى تاماشا! »
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Seghnish1.mp3
قىش ئۇزاپ ياز
باھارنى كۆيدۈرگەندە
بېشىمغا بۈگۈن كۈن چۈشكەندە
سالقىنلىماققا سايە ئىزدىدىم.
سايىنى كۈن پېتىشقا كۈن ـ
ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەندە
تۈن قاراڭغۇسىدا تىمىسقىلاپ
ئاينۇرىنى ئىزدىدىم…
قاراڭغۇ تۈنمۇ ئۇزاي دېگەندە
ئايمۇ مېنى تاشلاپ
تاغ كەينىگە مۆككەندە ـ
كېچە ۋە كۈندۈز پەرقىنى ئەتمەس
قەلبىم قېتىدا يوشۇرۇنۇپ كۆيگەن
يۈرىكىمدە تىلسىم بولۇپ كۆمۈلگەن
مەن سۆيگەن ۋە سۆيۇلگەن
ئۇزاقتىكى يارنى سېغىندىم….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(قازاقىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تەقدىم)
بىلىم ھاياتنىڭ شانىدۇر،
بىلىم بەخىتنىڭ كانىدۇر،
بىلىم باشلار بىزنى ئالغا،
بىلىمسىز ۋەتىنىم خاردۇر!
بىز ئوقۇپ بىلىم ئالىمىز،
ئىلىم-مەرىپەت غايىمىز،
كېلىچەك بولىدۇ پارلاق،
بىز ۋەتەن ئوغۇل-قىزىمىز!
بوۋام لۇتپۇللا بىزگە دېگەن:
“ياشلىق ئۇ، تىرىش-تىرماش ئۆگەن.”
بىلىم دېڭىزىدا شۇڭقارمىز،
ۋەتەن ئۈچۈن ۋىسال ئىزدىگەن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
خىيالىم دەرۋىشى پىنھان
يۇلتۇزلارغا ئاستا پىچىرلايدۇ
سەرسان ئىنتىزار بۇلۇت ئارىسىدا لەيلەر
ئۇنتۇلغان يالغۇز ئارالدىكى كونا قەلئە
چۆلگە قاراپ مۇڭلۇق يىغلايدۇ…
مەن ئىزدىگەن تىنچلىق
مۇگدەپ قاپتۇ كۈيۇقاپ ئۆيىدە
تەسەللىگە يېقىن ئاسمان يالتىرار
لاي گۈمبەز ئۆگزىسى ئۆرۇلۇپ چۈشكەن …
سىم – سىم يامغۇرغا ئايلانسا ياشلار
ئۇستىدە سەييارە مۆكۈشمەك ئوينار .
دۇنيانىڭ ئىشى باشقا –
ھەر كۆزدىن ئاققان يىغا باشقا
كۈشەندە قىسمەت مېنى ئىتتىرەر
تىك قىيادىن ئۇدۇل تاشلاشقا ….

شېئىرنى ئاڭلاش: Kuz_yamghuri.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
سەييارە چولپان كۆزدىن غايىب
ئۇلانماي تۈن كېچىسى تاڭغا
كۈز يوپۇرمىقى سەھەر بىلەن تەڭ چۈشكەن
قوزۇقلىرى سارغىيىپ -سارغىيىپ كەتكەن
دەرەخ شېخىدا يالغۇز كاككۇك
مۇڭغا پاتقان قونداقتا.
ئۇ باھارنى ئىزدەپ بالدۇر ئۇچمىغان
ئۇ بولالماي باھار كۈيچىسى
چۈنكى زەينەپتىن خەۋەر بولمىغان…
ئۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان
ئۇنىڭ پەيلىرى ئۇستىدىن دۈگىلەپ ئۆتەر
غەمگە لىق – لىق سۇغۇرۇلغان
كەچ كۈزنىڭ ئۈنچىسى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Gulge2.mp3
جاھاندا گۈزىلىم سەندىن باشقا گۈل ھۆسنىلىك بولماس،
ئۇزلىقىڭ بۇ قەدەر بۇلبۇلنى ئاشىق بىقارار قىلماس.
مۇھەببىتىڭ ئاتەش بولۇپ لاۋۇلداپ دىلىمدا يانماس،
چۈنكى سەنسىز نە لەززەت، ھاياتنىڭ ھىچ مەناسى قالماس.
ئەلكۈن نېچۈن گۈلگە ئاتاپ بۇ غەزەلنى بۈگۈن يازماس،
زىكىر قىلىپ يۇلتۇزغا، تۈن ئىچىرە سېنى سورىماس!
ھىممىتىدىن مېھرى بىرلە ساڭا تەقدىمگە گۈل تۇتماس،
رەشىكلىك سالسىمۇ پىغان، ھىچ زامان ئاشىقىڭ يانماس.
ئېھتىمالىم سۆيەر شۇنچە، ئۆزگە يار سەندىن تېپىلماس،
گۇگۇم بىلەن تەڭ كۈتەرمەن، كۈنۈم سەنسىز ھىچ يورۇماس.
ئۇنتۇشقا يوقتۇر ئامال، ئەمەلگە تەدبىرىم يارىماس،
لەۋلەر يېرىلدى چاڭقىپ، كاشكى مېھرىڭگە يۈرەك قانماس!
*ئىزاھات: ئۇشبۇ شېئىر ياشلىق خاتىرەمگە يېزىلغان تالاي تېمىسىز قول يازمىلار ئارىسىدىن ئېلىندى. بۇ شېئىر 1994-يىلى 12-ئاۋغۇست ئاقسۇدا يېزىلغا ۋە شۇ ئەسلى يازما ئاساسىدا 2018-يلى 2-سېنتەبىر قايتا ئۆزگەرتىلىپ نەشىر قىلىندى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Sayragul.mp3
*مەن 2018-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەنگىلىيىدىن قازاق ئېلىگە كەلگەن كۈنۈم قازاق قىزى سايراگۈلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇشبۇ شېئىر قەھىرمان قازاق قىزى سايراگۈلگە ئاتاپ يازدىم.
خەلىقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.
سايرا گۈل، قازاق قىزى سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ۋەتەن ئۈچۈن سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ئادالەت دەپ سايرا- سايراگۈل،
سايرا گۈل، توختىما سەن، سايرا- سايراگۈل!
ئاۋازسىزنىڭ تىلى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ئەركىلىك جەڭچىسى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ھۆرلىكنىڭ ئەلچىسى سەن سايرا- سايراگۈل،
بۇركۈت بولۇپ پەرۋاز قىل، سايرا- سايراگۈل.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(لەپەر قوشىقى)
ئەر:
ئاي بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
كۈن بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
ئېيتقىن زادى نە بولاي؟!
بۇ كۈرەشتە ئۇيغۇرۇم؟!
ئايال:
ئاي بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ ،
كۈن بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ .
بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانىدا ،
ھەقتە ئەمما چىڭ تۇرۇڭ!