ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى مۇھەممەت بابۇر ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:
bu_keche.mp3
بۇ كېچە يۇلتۇز يوق، ئايمۇ مۆكۈنگەن،
پەشتاقتىكى گۈللەر نۇرلۇق، جۇلالىق.
شامالدا ئىرغىيدۇ يالىڭاچ دەرەخلەر،
تىلەيدۇ يۈرىكىم ئۆزىگە پاناھلىق!
يۇلتۇزۇمنى سېغىنىپ ئاسمانغا باقتىم،
قەيەرگە كەتتىڭ سەن بۈگۈن سىردىشىم ؟!
سۈكۈتتە ئۆزۈمدە تۇغۇلىدۇ سۇئال ـ
نېچۈك ھالىم مېنىڭ، تەتۈر قاياشىم؟! …..
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:
Bu_kunler_shundaq_otup_ketidu.mp3
قوڭغىراق بىلەن تەڭ ئويغۇنىمەن
ئۆيۇمدىن يۈگىرەپ چىقىمەن…
ئاۋال شەھەرنىڭ سەھراسىدىكى
ئاپتوبۇستا…
ئاندىن يەر ئۇستى پويېزدا
ئاندىن يەر ئاستىدىكى –
سەكسەن پۇتلۇق تومۇر جانىۋىرىدا
ياشاش ئۇچۇن كۈندە چاپىمەن….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Tagh_yamghuri.mp3
تون كىيگەن تۇماندىن ئۇستىگە يېشىل تاغ،
تۇرۇپ- تۇرۇپلا يامغۇر بىلەن يۇيۇنغان.
چېركاۋ مۇنارى ئۇنىڭ باغرىدا قىيسىق،
قۇشلىرى بۈك ئورماندا تىنماي سايرىغان.
مەن پىنھان بۇ يامغۇردا سۈكۈتكە پاتقان،
قەدىمىم ئەسكى قەلئە ئۇستىدە قاتقان.
قەلبىمدە ھايات ئۆتمۈشى ئۆچمەس زىنھار،
ھەر سېغىنىش نەپەستە ئوت بولۇپ يانغان! ……..
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Derizemde_muhabbet.mp3
مەن ئويغانغان بۇ سەھەر
جاھان ئاشىقلىققا پېتىپتۇ …
ھۆكۇم سۈرگەن كۆك دېڭىزدا قىزىللىق
كۆز نۇرى يەتمەس ئۇپۇقتا توغۇلغان
شەپەق رەڭدە ئاسماننى بويىغان
خىجالەتتىن قىزارغان قۇياش –
ئۆز مەيلى بىلەن ئۆيۈم ئىچىگە
دېرىزەمدىن كىرىپتۇ….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Yarkent_kechisi.mp3
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق….
بىراق ياكەنت كېچىسى ماڭا پىچىرلايدۇ
يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ
قاراڭغۇ كېچىدە ئۇلار كۆپ چىقىپتۇ
ۋەلىۋاينىڭ مەسچىتى ئۇستىگە
ماڭا تونۇش ئاي شولىسى يەنە چۈشۈپتۇ.
چىڭپەنزىنى مەن بىلـمەيمەن………
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئايۋالىقتا تولۇن ئاي
كولەڭگۇسى بۇ ئاخشام-
مەرمەر دېڭىزىدا لەيلەيدۇ…
بېلىجانلارنى ئەركىلىتىپ-
ئوينايدۇ…
مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ!
قارشى قىرغاقتا-
يالغۇزلۇققا مەن مەھكۇم.
تۈنۈگۈندىن مىراس ھېسلىرىم-
ھەسرەت قوشۇپ تېڭىرقايدۇ…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Yalghan_xorazlar_chillawatidu.mp3
مەن بۇ كېچە شىئېر يېزىۋاتىمەن
تۇيغۇم تىلسىم ماكانغا ئېقىۋاتىدۇ
بىر گۈلخان تۇن قاراڭغۇسىدا
ئۈدۈننىڭ تۈزىغان قۇم قەلئەسىدە
ھەسرەتنىڭ ئۈمىد شامى بولۇپ –
چۈشۈمدە يۇلتۇزدەك يېنىۋاتىدۇ….
ئۆتىكەن تاغلىرىدا بىر باخشى
ياۋغا ئېتىلغان زەپەر ئوق ئۈچۈن
كۆك تەڭرىنى كۈيلەپ مۇقام چېلىۋاتىدۇ
چىن تۆمۈرگە بىر شەيخىم ………….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Kutush.mp3
يازمۇ كېتىپ ـ
كۈزمۇ كېتەي دەيدۇ….
قىش يەنە كېلەي دەيدۇ .
باھار كۆزۈمدىن يىراقتا ئەمەس،
ئەمما ئۇ كۈتكەندە كەلـمەي ….
ئەجەپ يۈرەكنى داغلايدۇ!
ئەلكۈننىڭ خىيال باشقا
تۆت پەسلىدىن ئاتلاشقا ….
جاھان ئەپكارى مۇشۇمۇ ـ
ياشاي قانداق سۈكۈتتە مەن
باھارنى تولا كۈتۈپ،
قىشنى تولا سۆكۈپ
ھەر نەپەستە قاقشاشقا؟! ………