مەن سېنى كۆردۇم

“Menئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
سەن بۇ كېچە يالغۇزلۇق كېمىسىدە
ھېسلىرىڭنىڭ ئەركى ئۈچۈن ئۇزدۇڭ
گۈمبەزگە ئوخشايدىغان ئاسمانغا باقتىڭ
جىمىرلاپ كۆز قىسىشتى ھارمايدىغان يۇلتۇزلار
مەن ئايدىن
سەن كۆرگەن كائىناتتىن
سېنىڭ كۆلەڭگەڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.
سەنمۇ مېنى كۆردىڭمۇ
تومۇر بالداقلىق كونا پەنجىرىدىن؟
 
سەن بۇ كېچە سېغىنىشنىڭ كېمىسىدە
ھىجران ئۇزىۋەتكەن مۇساپىنى
ھەسرەت قاينىمىدا قايتا كېزىۋاتىسەن
مەن سەنسىز سەۋداغا ئايلانغاندىن بۇيان،
دەستىسى تومۇردىن ياسسالغان پالتا بىلەن
ھىچكىمگە تەۋە ئەمەس ئورماندا
مۇستەقىل تۇرۇپ
ۋىسال دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىۋاتىمەن !
 
ئايرىلىشنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچىمەيمەن
چۈنكى ئۇنىڭ ۋىدالىشىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
شۇڭا سېنى كۈن سانىماي كۈتۈشكە ئادەتلەندىم.
سەنمۇ مەندەك قىلىۋاتامسەن؟
سەنمۇ شۇنداق كۈتۈشنى ئۆگنىۋالدىڭمۇ؟

ئاي قوتانلغان كېچىدە

“Ayئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئۆزۈمدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق
توغراقتەك كونىراپ كەتكەن سېغنىشىم
ۋىسال قىرغىقىدا كۈتۈش بىلەن ھالسىرايدۇ،
ھىجىراننى دۇنيادا يوق تىل بىلەن –
قىساس ئەپسۇنى ئوقۇپ قارغايدۇ.
 
ھەر كۈن ئاخشام …
بوينۇم ئارمىنىمغا قىسىلىپ تۈنەيدۇ ،
«ئاي قوتانلىغان» بۇ كېچە ئىچىدە –
بوۋامنىڭ شۇنداق دېگىنى يادىمغا كېچىپ،
ئۆزلۈكۈمنى ئېسىمگە ئېلىپ –
ئۆيۈمدىن ئۇزاق
يارىمدىن يىراق
ئارمىنىمغا قەست قىلغان تۇزاق
ئاي دېغىغا مۆكۈنگەن شەيتان …
ئۇ ئوغرى –
شۇڭا ماڭا ئوغرىدەك قارايدۇ!

ئاتىجان

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاتىجان

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Atijan.mp3

 

ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.
(مەرسىيە)

 
ئۇچتى ئۆمۈر باغىدىن يورۇق بىر يۇلتۇز،
پەرىشتە جەننەت تىلەپ دۇرۇت ئوقۇدى.
تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم ئەلكۈن،
“ئاتىجان” دەپ بۈگۈن مەرسىيە توقۇدى …

 
سەن تىككەن ئاق تېرەك يالىڭاچ بولۇپ،
بۇ كۈزدە غازاڭلار چۈشكەندە سەن يوق.
باراڭدا ئۈزۈملەر سارغىيىپ پىشىپ،
بولغاندا مەي بىر تال يېيىشكە سەن يوق!

 
قوتاندا قوي مەرەپ سېنى سورايدۇ،
يەم بېرەرىگە چېۋەر قولۇڭ ئەمدى يوق.
خورازمۇ ماتەمدە، سۈكۈتلۈك سەھەر،
قالدى ئۆيۈڭ تۇرۇكسىز ئەمدى سەن يوق!

 
قاپلىدى ئاسمىنىمنى مۇدھىش بۇلۇت،
زار كۈتكەن نىجات قۇياشى بۈگۈن يوق.
سەن نۇرلۇق ئاي ئىدىڭ قەلبىمگە يانغان،
تۈن بولدى بۇ كۈنۇم كۆرەرگە سەن يوق!