ئاتامنىڭ كونا ۋېلىسىپىتى

[Father’s old bicycle]

 
“Atamningئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 


ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Atamning_kona_welisipiti.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ئۆتتى ھاياتىڭ ئەلگە مېھنەت تۆكۈپ ئاتىجان.
تارالدى ۋېلىسىپىتتىڭدىن بۇ يۇرتتا بىر داستان.
بولدۇڭ سەن خەستىلىك يۈرەككە خالىس شىپاگەر،
چۆلدە قەبرەڭ بولۇر ھامان بىر كۈنى گۈلىستان.

 

ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا ئۆسۇپ چوڭ بولغانلار ئۈچۈن ۋېلىسىپىت بىر ئۇنتۇلغۇسىز قاتناش قۇرالى ھىسابلىنىبلا قالماستىن، يەنە ئۇنڭغا دۈگىلەپ ماڭىدىغان ئىككى چاقىغا ئەشۇ يىللاردىكى بىغۇبار ھاياتنىڭ تالاي ھېكايىلىرى يوشۇرۇنغان. ئۇنداقتا ۋېلىسىپىت ئۇ قانداق بىر قاتناش قۇرالى؟ قېنى ئاۋۋال ۋېلىسىپىتنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا سىڭىپ كىرىش تارىخىغا بىر نەزەر سالايلى. يېقىنىقى زامان ئىنسان تارىخىدىكى تۈنجى ۋېلىسىپىتنى گېرمانىيىلىك ئورمان ئەمەلدارى ۋە كەشپىياتچى Karl Freiherr von Drais كارل فرەيھېر فون درەيس 1817-يىلى  كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ۋېلىسىپىتنى ئادەملەرنىڭ قوللىنىشىغا قولايلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى بىز ئىشلىتىۋاتقان زامانىۋى ۋېلىسىپىت مەيدانغا كەلتۇردى.

 
دېمەك 200 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە ۋېلىسىپىت، ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن تارتىپ رەقەم دەۋرگىچە بولغان ئۇزاق مۇساپە داۋامىدا ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر سىتاتىستىكىسىدە كۆرسىتىشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىليون ۋېلىسىپىت ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادا ئادەملەر 2 مىلياردتىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت ئىشلىتىدىكەن. بۇ سان 2050-يىلىغا كەلگەندە 5 مىلياردقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

ھەسىرەتلىك يىللار: ئانام تارتقان كۈلپەتلەر

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
(ئوچېرىك)
 
مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر! ئاۋۋال ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن! بۇ يېڭى يىلنىڭ بىز ھەممىمىز ئۈچۈن ئىناقلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان، ئەل – يۇرت ئامان بولغان بىر يىل بولۇشىنى تىلەيمەن!مەن ئۆتكەن يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە «يىللار ھەسرىتى – رەگەتكە بىلەن قاغا  ئېتىش» ناملىق راست ئىشلار ئەسلىمىسى ئاساسىدا يېزىلغان بىر ھېكايىنى ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئەشۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئوقۇغايسىلەر.

 

مەن ئالدى بىلەن سۆيۈملۇك پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ يۈرەكلىرى ۋاقىتسىز كۈل بولغان، بۇ دۇنيانىڭ راھىتىدىن كۆرە جاپاسىنى كۆپ تارتقان بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلەن سالام يوللايمەن. ئانىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن تەنلىرى ھەرزامان ئامان بولسۇن!

 

ئۇشبۇ ھېكايە پەقەت مېنىڭ ئانامنىڭ ھېكايىسى بولۇپلا قالماستىن ئانامغا ئوخشاش نام – نىشانسىز ياشاۋاتقان ياكى بۇ پانىي دۇنيادىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئەشۇ جاھان بالاسى بولمىش ”مەينەت ئىنقىلابى“ دەۋرلىرىدە ئىززەت ھۆرمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، يوقسۇزلۇق ۋە موھتاجلىققا مەھكۇم قىلىنغان، دەرد-ئەلەم ۋە ئاھانەت بىلەن ئۆتكەن نەچچە مىڭلىغان مېھنەتكار، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان، قەھرىمان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۆتمىشىدۇر…….

يىللار ھەسرىتى – “رەگەتكە بىلەن قاغا  ئېتىش”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(ئوچېرىك)

قاغا
ئەقىللىق خەلقىمىز ئۆز ھايات تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ئېيتقان  “ئۆتكەن ئۆمۈر ئاققان سۇ”  دېگەن  بۇ ئاتا سۆزى نېمە پاساھەتلىك ئېيتىلغان ھە!  ئادەم ئۇچۇن ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈر ھەقىقەتەنمۇ ئاققان سۇغا ئوخشايدۇ. ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ. بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشايدىغان قىسقىغىنە ئۆمرىمىز ئۇچۇن ئېيتقاندا بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتقا ئېچىنىشتىنمۇ ئارتۇق ھەسىرەت ۋە ئۆكۈنۈش بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ ھاياتىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە مۆھرى بېسىلىدىغان، دۇنيانى بىلىشىڭىز ئۇچۇن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان ھاياتىڭىزنىڭ ئالتۇن چاغلىرى نادانلىققا مەھكۇم قىلىنىپ، بىھۇدە زايە بولۇپ كەتسە ئۇنىڭدىن تۇغۇلىدىغان ھەسرەتلەر يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلغۇيدىكەن. ئەمەلگە ئاشماي يېرىم قالغان ئارمانلىرىڭىز  تىنماي يۇركىڭىزنى تىلغايدكەن. مېنىڭ ھەسرىتىم ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئىسراپ قىلىۋېتىلگەن، يىللارنىڭ رەھىمسىز بوران – چاپقۇنلىرى يۇمران سەبىي قەلبىمگە مۇدھىش ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئەشۇ “مەينەت زور ئىنقىلابى” مەزگىللىرىدىكى يىللاردۇر…….