بىر بوتۇلكا سۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

“Bir

مەيىن شامالغا ھارماي ئۇسۇل ئويناپ كۆنۈپ كەتكەن بۇلۇتلار خۇددى ناز قىزدەك گاھى كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىسا، گاھى خۇشلۇقى تۇتۇپ تېلىقىپ كۈلەتتى، گاھى چاغدا قاپىقىنى تۇرۇپ دومسىيۋېلىپ، قۇياش نۇرىنى دۈمبىسى بىلەن توسۇپ مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئوينايتتى. توۋا، بۇلۇتلارمۇ ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئۆگۈنۇۋالدىمۇ نېمە، ئىشقىلىپ مەن بۈگۈن شۇنداق غەلىتە بىر تۇيغۇلارغا قەلبىمنى مەستخۇش قىلغاچ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن دېڭىزنىڭ چېكىگە نەزەر تاشلايتتىم. مالمودىن (Malmö) كوپېنھاگېنگە تىز كېتىۋاتقان پويىز ئورەساند كۆۋرۈكىنىڭ (Oresund Bridge) تومۇر بالداقلىرىنى بىر -بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئالدىغا ئۇچقاندەك چاپاتتى. كۆك ئاسماننىڭ كۆك رەڭگىنى ئۆزىگە ئەينەن كۆچۈرۋالغان بالتىق دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدىن شۇڭغۇپ چۈشكەن بۇلۇتلار بەئەينى سۇ ئۇستىدە لەيلەپ يۈرگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلاتتى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە كۈز ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى ئاپتاپلىق، ھاۋاسى ئوچۇق شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكلىرىگە مۇجەسسەملىشىپ، خۇددى بىر پارچە مەشھۇر كلاسسىك ماي بوياق رەسىمدەك تەسۋىرىنى نامايان قىلاتتى.

 

مانا مۇشۇنداق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە تولغان بۇ گۈزەل دۇنيا بىز ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا مەنسۇپ ئىدى. بىز بۇ يەرگە ئەسلى دەرد ئەلەم تارتىش ئۈچۈن ئەمەس، كۆزىمىزدىن ئىسسىق قان – ياشلىرىمىزنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوشال – خۇرام، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا كەلگەن ئىدۇق. يېشىم چوڭىيىپ، ئەقلىم قولۇمغا نېسىپ بولغان بۇ يىللاردا ئادەم بالىسىنىڭ تۇغۇلغىنىغا نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىنى، ئاندىن يەنە نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىغىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم. ئادەم ھاياتىنىڭ  مۇساپىسى مانا مۇشۇ ئارىلىقتىكى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، راھەت بىلەن مۇشەققەت، ئەركىنلىك بىلەن قۇللۇقنىڭ نىسپىيلىك چەمبىرىكىدە كەسكىن كۈرەش قىلىدىكەن. بۇلاردىن قايسى بىرى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە ئۇ سىزگە تەۋە بولىدىكەن. سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان قىسمى ئۈچۈن بولسا بىر ئۆمۈر، تاكى ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلىپ ياشايدىكەنسىز. ئېھتىمالىم، بۇ بەلكىم ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش پىسخىكىسى بولسا كېرەك.  

چۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Chush - burkut

 

يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇخلايدىغان ئۇيقۇمۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى.  ھەپتە -ھەپتىلەپ ئالدىراش ئىشلەش داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىنكى يەتكەن ھارغىنلىق سىزنى ئاجايىپ ئىزىۋېتىدىكەن. بۈگۈن شۇ ھارغىنلىق ماڭا قاتتىق يەتتىمۇ بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن….

 

مەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئەمما يۈرىكىم سىقىلىپ، نەپسىمنىڭ بۇغۇلۇۋاتقانلىغىنى سېزىۋاتىمەن…… ئەسلى بۇ راھەتسىزلىكنى تۇيۇپ كېلىۋاتقىنىمغا نەچچە يىللار بولغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ئۆلگۈر جاننىڭ راھەتسىزلىكى مېنى شەپقەتسىزلەرچە قىيناشقا باشلىدى……  ئادەمنىڭ دائىم بۇرۇقتۇم، روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشمۇ بىر خىل كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى چوڭ بولغانسېرى بىلىۋاتىمەن. بۇرۇتۇم خەت تارتقاندىن بۇيان بۇ دەردىمگە دەۋا تېپىش ئۇچۇن سەۋەپ ئىزدەپ تالاي يۇلتۇزسىز كېچىلەرنى كۆز يۇمماي ئۆتكۈزۈۋەتتىم………

مۈشۈك بېقىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

“سېرىق كۈچۈك” ، لەڭگەر، 1981- يىلى

 

our_kitten_tig

مەن سەھرا بالىسى بولغىنىم ئۈچۈنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ ھايۋان – ئاتلارنى بېقىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بىزنىڭ ئۆي تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردا سودا كارۋانلىرى خوتەندىن خوتەن دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ بىزنىڭ بۇ بوستانلىق يۇرتىمىزغا كېلىپ چۈشكۈن قىلاتتىكەنتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ يۇرت دەل مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىدە بولغاچقا «لەڭگەر» دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن. بەلكىم مېنىڭ يەتتە – سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى ۋاقتىم بولسا كېرەك، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئائىلىمىزنىڭ بىردىن بىر قاتناش قورالى بولغان ئېشىكىمىزنى مىنىپ، ئالدىمغا ئون نەچچە قوينى سېلىپ مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن، گاھىدا بوۋام بىلەن بىللە تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىدىكى جاڭگاللىقتا پادا باققان كەچمىشلىرىم خۇددى كۆرگىلى ئۇزاق بولغان چۈشتەك خىيالىمدا غۇۋا پەيدا بولىدۇ ………