سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (1)

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر! مەن دوستلارنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇندىن كېيىن بۈيۈك بىرىتانىيە توغرىسىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەنبەلەر ئاساسىدا بىر يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك مەلۇماتلارنى ئوقۇشۇڭلارغا سۇنماقچى. بۈيۈك بىرىتانىيەنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەنگلىيەنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلايمەن. مەن بۇ يازمىنى سىلەرنىڭ ئوقۇشۇڭلارغا ۋاقتىدا سۇنالىغانلىقىمدىن مەمنۇنىمەن. كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

بۈيۈك بىرىتانىيە ئادەتتە بىرىتانىيە دەپ ئاتىلىدۇ، رەسمىي ئاتلىشى بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland) – غەربىي ياۋروپادىكى بۇ قەدىمىي دۆلەت ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇلغىنىنىڭ ئەڭ غەربىگە، ئاتلانتىك دېڭىزىنىڭ غەربىي – شىمالىي قىرغىقىدىكى بىرىتانىيە تاقىم ئاراللىردىن تەركىب تاپقان ئارال دۆلىتىدۇر. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ 2013- يىلىدىكى نوپۇسى 63 مىليون. بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىنى 244،820 km بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىنى بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زېمىنىدىن 7 ھەسسە چوڭ ئەمما بۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت سىرتىدا يەنە 1،727،570 km ئارتۇق زېمىنى بار…..

 

بۈيۈك بىرىتانىيە خەلقىمىزگە ئەسلى ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان بىر دۆلەت. تارىختا بۈيۈك بىرىتانىيە 1873- يىلى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى بەدۆلەت ياقۇپبەگ بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ چىنباغدا بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىدە تۇرۇشلۇق رەسمى ئەلچىخانىسىنى تەسىس قىلغان. سىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە فىزىكا دەرسلىكلىرىدىمۇ بەلكىم نۇرغۇن قېتىملاپ بۇ دۆلەت توغرىسىدا “كۈن ئولتۇرماس ئىمپېرىيە”، “نيۇتوننىڭ ئالمىسى”، “ئەپيۈن ئۇرۇشى”، “ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى”، “شېكىسپىر”، “چېرچىل”، “ساچىر خانىم” دېگەندەك تۈرلۈك نام- ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئۆگەنگەن بولغىدىڭىز. ئۇنداقتا بۇ “بۈيۈكبىرىتانىيە” بىلەن بىزگە ھازىر تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئىسىم “ئەنگلىيە” بىر ئۇقۇمممۇ؟ ياق، بۇ بىر ئۇقۇم ئەمەس! ئەنگلىيە بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىغا تەۋە 4 كېنىزەكلىكنىڭ بىرسىدۇر. تارىختا ئەنگلىيە 1707- يىلى سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ “بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى” نى قۇرغاندىن كېيىن كېيىن “ئەنگلىيە” ئىسمى رەسمى دۆلەت ئىسمى قاتارىدا قوللىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. گەرچە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارغا ئاساسەن دېگۈدەك “England” يەنى “ئېنگلىزلارنىڭ يېرى” دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن.

 

بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ئەنگلىيە (England)، ۋەلىس (Wales)، شوتلاندىيە (Scotland) ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە (Nothern Ireland) كىنەزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەر يەنى كىنەزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، مائارىپى ۋە مىللىي مەجلىسى، ھۆكۈمىتى بار. ھەتتا شوتلاندىيەنىڭ ئايرىم پۇلى، پارلامېنتى، ئايرىم باشقۇرۇلىدىغان مائارىپى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى بار. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ ئېنگلىزچە رەسمىي دۆلەت ئىسمىنىڭ يېزىلىشى “United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland” – ئادەتتە “Britan” ، “GB – Great Britan” ياكى “UK” (بىرلەشمە پادىشاھلىق) دەپ ئاتىلىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى پارلامېنت دېموكراتىيىسى ۋە قانۇنلاشتۇرۇلغان پادىشاھلىق تۇزۇمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 (Queen Elizabeth II) بۈيۈك برىتانىيەنىڭ دۆلەت باشلىقى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 يەنە دۇنيا بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ تەشكىلات – بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ تەشكىل قىلىنغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىتتىپاقى (ئەنگلىيە ئىتتىپاقى – Commonwealth of Nations) تەشكىلاتىنىڭمۇ باشلىقىدۇر.ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 يەنە بۈيۈك بىرىتانىيە، كانادا، ئاۋۇسترالىيە، يېڭىزېللاندىيە قاتارلىق بۈيۈك بىرىتانىيە ئىتتىپاقىغا تەۋە 16 مۇستەققىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى (پادىشاھى) ھېساپلىنىدۇ.  شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىقى – پرېزىدېنت دەپ ئاتالماي، «باش ۋەزىر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە G7 (سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت) ئەزاسى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەڭگۈلۈك 5 ئەزاسىنىڭ بىرسىدۇر. بۈيۈك برىتانىيەنىڭ 2013- يىلىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىشى GDP تىرىليون $2.490 ، بولۇپ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچى 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى Per capita) $40،879) بولۇپ دۇنيادىكى ئورنى 25- رەتتە تۇرىدۇ.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە 2 مىللىيۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بار، بۇلارنىڭ 80% بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ياشايدۇ.

 

ئەنگلىيە

 

ئەنگلىيە (England – ئېنگلىزلارنىڭ يېرى) بۇ بۈيۈك بىرىتانىيەنى تەشكىل قىلغان 4 كىنەزلىكلەر ئىچىدىكى ئېىنگلىز مىللىتى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم كىنەزلىك بولۇپ، بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ ساھىبخان قۇرغۇچى كىنەزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ نوپۇسى 53 مىليون، بۈيۈك بىرىتانىيە نوپۇسىنىڭ 84% نى ئىگىلەيدۇ. ئەنگلىيە ئىنگلىز قانىلى دېڭىزى ئارقىلىق شەرقتىكى قوشنىسى فىرانسىيەدىن 35 km ئارىلىق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ئەمما بۇ 35 km ئارىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەر ئاستى يەر ئاستى پويىزى يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان Eurotunnel دېڭىز ئاستى قوش لىنىيەلىك تومۇر يول ئارقىلىق لوندون بىلەن پارىژ تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ دېڭىز ئاستى تومۇر يولى Eurostar  ئارقىلىق لوندوندىن پارىژغا بېرىشقا بېرىشقا 2 سائەت 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.

 

ئەنگلىيەنىڭ Birmingham, Leeds, Liverpool, Manchester, Sheffield, Bristol, Kambridge, Oxford, Kent قاتارلىق شەھەرلىرى بار. ئەنگلىيە كېنىزەكلىكىنىڭ زېمىنى  130، 410 km. ئاپرېل 23- كۇنى ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ دۆلەت كۈنىدۇر.

 

بۈيۈك برىتانىيەنىڭ كومپۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئالىي مائارىپ، پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، تېببىي ئىلىم، ھەربىي مۇداپىئە  قاتارلىق يۇقرى تېخنىكا سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ساھەلەردە دۇنيادا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئېنگلىز تىلى ئاساسىدكى باشلانغۇچ ۋە ئالى مائارىپىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ دولەتتىن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كوپ. بۈيۈك بىرتانىيەدە چەتئەللىك بولۇپمۇ 3- دۇنيا ئەللىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا قىممەت توختايدۇ. 2013- يىلىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ئۈچۈن تۆلەيدىغان تولۇق كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ  000 ،10 £ يۇقىرى بولىدۇ (2013- يىللىق بەلگىلىمە). بۇ ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق خۇسۇسىي ياشاش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. .ئۇلۇغ برىتانىيەنىڭ ( Pound sterling ) پائۇند ستېرلىڭى 1£ ى 10،032 £  جۇڭگۇ يۇەن قىممىتىگە تەڭ كېلىدۇ. 2012 ۋە 2013- يىللىدىكى دۇنيادىكى ئوقۇتۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ باھالانغان 10 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3 بۈيۈك بىرتانىيەدە. ئۇلار: Oxford university, Cambridge university ،Imperial College London .

 

 

سۈرەتلەر: لوندون ۋە بىرىتانىيە

 

ئەنگىلىيە 1908- يىلى ئىشلىگەن تەرەكتۇر

 
 


 

ئەنگىلىيە بانكىسىنىڭ بناسى

 
 

 

ئايال پادىشا ئېلىزابېت 2 نىڭ ئوردىسى – Buckingham_Palace

 
 

 

لوندون كەنتېبىرىي چېركاۋى  – Canterbury Cathedral London

 
 

 

ئەنگىلىيە كىنەزلىكىنىڭ بايرىقى

 
 

 

بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ تېرىلغۇ ئېتىز ۋە يايلاقلىرى

 
 

 


لوندوننىڭ كۆزى – London Eye

 
 

 

لوندون مەركىزىنىڭ كۆچا كۆرۇنىشى

 
 

 

لوندون شەھەر مەركىزىدىكى ترافالگار مەيدانى – London Trafalgar Square

 
 

 

لوندون ۋېستمىنىستېر كۆۋرۈكى ۋە پارلامېنت بىناسى  – London Westminster bridge – Parliament building

 
 

 

ئايال پادىشا ئېلىزابېت 2، ئۇ بۇ يىل 88 ياش – Queen Elizabeth II

 
 

 

Stone Age

 
 

 

دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم 1779- يىلى ياسسالغان تومۇر كوۋرۇك، بىرىتانىيە

The Iron Bridge The world’s first cast iron bridge built by Abraham Darby III in 1779

 
 

 

 The Mall, Buckingham Palace

 
 

بۇ يازمىنىڭ  كېيىنكى قىسمىدا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئەنگىلىيە كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لوندون شەھرى سۈرەتلىك تونۇشتۇرلىدۇ. ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلار ئۇچۇن رەھمەت!

 

 

(بۇ تېما باغداش مۇنبىرىدا 2014-4-8 07:23:22 نەشىر قىلىنغان نۇسخا ئاساسىدا  قايتا نەشىر قىلىندى)

 

مەزكۈر تېمىنىڭ داۋامى:
http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye2

 

ئەسلى مەنبە باغداش تورى مۇنبىرى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-24259-1-1.html

 

بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى باغداش تورى مۇنبىرىدىن ئوقۇش – سىز بۇيۇك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟ (2)
http://bbs.bagdax.cn/thread-24581-1-1.html

 
 



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !