بىلىم

“Bilim”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
(قازاقىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تەقدىم)

 
بىلىم ھاياتنىڭ شانىدۇر،
بىلىم بەخىتنىڭ كانىدۇر،
بىلىم باشلار بىزنى ئالغا،
بىلىمسىز ۋەتىنىم خاردۇر!

 
بىز ئوقۇپ بىلىم ئالىمىز،
ئىلىم-مەرىپەت غايىمىز،
كېلىچەك بولىدۇ پارلاق،
بىز ۋەتەن ئوغۇل-قىزىمىز!

 
بوۋام لۇتپۇللا بىزگە دېگەن:
“ياشلىق ئۇ، تىرىش-تىرماش ئۆگەن.”
بىلىم دېڭىزىدا شۇڭقارمىز،
ۋەتەن ئۈچۈن ۋىسال ئىزدىگەن!

 
ياشنايدۇ ئۇيغۇر بىلىم بىلەن،
ئالمىشىپ كۈلكە يىغا بىلەن،
نادانلىق تۈگەر بىزدىن ئەبەد،
قۇراللانساق ئىلىم-پەن بىلەن.

 
بىلىم ئادەم زىننىتىدۇر،
ئۇ بەخىتنىڭ قىممىتىدۇر.
بىلىم بىلەن كۆكلەيدۇ ئەل،
بىلىمى بار بىلەك كۈچىدۇر!

 
بىز ئوقۇيمىز، ھېرىپ-تالمايمىز،
ئەجداد يولىدىن ھىچ يانمايمىز !
مىللەت شەنىگە تۆھپە قوشۇپ،
يۇلتۇز بولۇپ ئەلگە چاقنايمىز.

 
2018-يىلى 1-سېنتەبىر، لوندوندا يېزىلدى.



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !