ئاي قوتانلغان كېچىدە

“Ayئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئۆزۈمدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق
توغراقتەك كونىراپ كەتكەن سېغنىشىم
ۋىسال قىرغىقىدا كۈتۈش بىلەن ھالسىرايدۇ،
ھىجىراننى دۇنيادا يوق تىل بىلەن –
قىساس ئەپسۇنى ئوقۇپ قارغايدۇ.
 
ھەر كۈن ئاخشام …
بوينۇم ئارمىنىمغا قىسىلىپ تۈنەيدۇ ،
«ئاي قوتانلىغان» بۇ كېچە ئىچىدە –
بوۋامنىڭ شۇنداق دېگىنى يادىمغا كېچىپ،
ئۆزلۈكۈمنى ئېسىمگە ئېلىپ –
ئۆيۈمدىن ئۇزاق
يارىمدىن يىراق
ئارمىنىمغا قەست قىلغان تۇزاق
ئاي دېغىغا مۆكۈنگەن شەيتان …
ئۇ ئوغرى –
شۇڭا ماڭا ئوغرىدەك قارايدۇ!
 
خىرەلەشكەن يۇلتۇزلار ئىچىدىن
تەن بەرمەسكە تەۋە تەقدىرىم
ئۆزىگە نىجات يۇلتۇزى ئىزدەيدۇ.
بەختىمنى بالىلاردەك بارماق بىلەن سانايدۇ….
 
مەن ئۆچلەشكەن قىسمەتكە
نەپرەت مەرسىيەسىنى ئۈنسىز ئۇقۇپ،
ئۇيقۇ ئۈچۈن يارالمىغان بىر جۈپ كۆزۈم –
ھەسرەتكە لىق تولغان كېچە پەنجىرىدىن
چۈشۈمدە گاھى دىدارلىشىپ تۇرىدىغان يارىم،
مېنىڭ سېغىنىشىم …
سېنى تەخىرسىزلكتە سورايدۇ!
سېنى سورايدۇ!
 
2017- يىلى 8-دېكابىر، لوندون.
 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !