ئاسمان سوغىسى

    سەھىپە:Shé'irlar باھا:1 دانە 19-12-2017

ۋىلئام مولوتوۋ (قازاقىستان)

 

سەھەردە كۈن نۇرى چۈشكەن شەبنەمدەك،
كۆزلىرىڭ نىگارىم تۇرار نۇر چېچىپ.
ھۇر باغنىڭ ئىچىدە يۈرگەن سەنەمدەك،
كېلىسەن تۇيغۇم ئىشىگىنى ئېچىپ.

 

سەن تېپىشماق سېھرىڭ ماڭا ئۆتۈكلۈك،
قارىشىڭ مۇلايىم دىلنى ئىرىتەر.
سەھەرنىڭ سۆيۈپ قاچقان شوخ شامالدەك،
ئۈگدىگەن سېزىمىمنى شۇئان سەگىتەر.

 

تەبەسسۇم تۆكۈلەر يۈزۈڭدىن ئىللىق،
پاك دىلىڭ ئەينەكتەك ئەكس ئېتىدۇ.
بولسىمۇ گەر ھايات يولى ئېدىرلىق،
بەخت قۇشى بىر كۈن ساڭا قونىدۇ.

 

چېچىڭدا ساپ قىشنىڭ سىڭگەن پۇرىقى،
قاشلىرىڭ قارلىغاچ قانىتى مىسال.
كۆڭلۈڭدە قۇياشنىڭ زىيا يورۇقى،
لەۋلىرىڭ سۆيگۈدىن كۈتىدۇ ۋىسال.

 

نەپىسلىك، گۈزەللىك مۇجەسسەم بولغان،
سەن ئاسمان سوغىسى شائىرغا ئارمان.
ئاتەشتەك يۈرىكى ھېسلارغا تولغان،
ئىلھامى ئۆزۈڭدىن يازارغا داستان!

 


_____________________________________

شېئىرنىڭ ئېنگىلىسچە تەرجىمىسى:
http://www.azizisa.org/en/gift-of-the-sky
 



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !