ئادالىتىڭنى سورايمەن دۇنيا

“apam_2011”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

مەن نالە قىلسام
ئازابىمدىن ئۆرتىنىپ ئەي دۇنيا –
يۈرەكنى لەختە قىلىپ يارارسەنمۇ؟

ياشىمايمەن
سەن بەرگەن تەقدىرنى تەن ئېلىپ،
بولمىسا ئۆمۈرنى سەن –
خازان قىلىپ چەيلەرسەنمۇ؟

مەن تەكرار دېدىم
ئادالىتىڭنى سورايمەن ئەي دۇنيا-
ئەل قىساسى مىنەل ھەقدۇر
دېگەن ئىدى بوۋام ماڭا.

سەندىن ئىلتىجايىم شۇ –
ئۆزۈڭدىكى ئادەمسىمان ھايۋانلارنى
ئىنسانلىق تارازىسىغا سالارسەنمۇ؟
ئۇلارنىڭ كەچۈرۈلمەيدىغان جىنايىتىدىن
بىر-بىرلەپ ھېساب ئېلىپ
بىر كۈنى-
ئادالەتنىڭ دارغا
ئۇلارنى ئاسارسەنمۇ؟!

2018-يىلى 27-دېكابىر، لوندون





سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !