ئابدۇرەھىم ھېيت ئۆلمىدى !

Abdurehim_Heyitئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Abdurehim_Heyit_olmidi.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
«ئابدۇرەھىم ھېيت ئۆلمىدى!» – بۇ ھەقىقەتەنمۇ خوش خەۋەركەن. بۇ خەۋەرنى خىتاي خەلىقئارا رادىئوسىنىڭ تۈركچە ئاڭلىتىشى 2019-يىلى 10-فېۋرال سائەت 22:31 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتتى. بىز ھەممىمىز پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۇك سەنئەتكارى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ھايات بولۇشىنى تىلەيمىز. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن خىتاي ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ قىسقا بىر سىن كۆرۈنىشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. ئۇ سىن كۆرۈنۈشىدە ئابدۇرەھىم ھېيت سۆز قىلىپ «مېنىڭ ئىسىمىم ئابدۇرەھىم ھېيت، بۈگۈن 2019-يلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، قانۇن تەرپىدىن مېنى گۇمانلىق دەپ قارىغىنى ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە تەكشۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى. مەجبۇرلاش، زورلاش بولمىدى» دېدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ چىقىشى بىلەن، ئۇنىڭ ساختا سىن كۆرۇنىشى ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ راست ۋە ياغقانلىقىنى تەكشۇرۋاتقانلىغى ھەققىدىكى ھەر خىل گۇمانى قاراشلار ئوتتۇرغا چىقتى.
 
مەيلى تۈركىيە خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تىرىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنىڭ يالغان ياكى راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسۇن ۋەياكى ئىسپاتلىمىسۇن، بۇنىڭ ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ھازىرقى ئۆلۈك بىلەن تىرىك ئارسىدىكى نىمجان تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي 2019-يىلى 8- فېۋرال ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە بايانات بىرىپ، خىتاينىڭ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئەسلى تۈركىيىلىك تۈرك سەنئەتكارى بۇنيامېن ئاكسوڭگۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە تۈنجى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى مۇشۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقالغان خەۋەر ئاساسىدا بايانات بەرگەن. ئەمما مەن شەخسەن ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى كوچا خەۋەرلىرىنى بىر ئايلار بۇرۇن تۈركىيىلىك يەنە بىر مۇزىكانتنىڭ فەيسبۇك بېتىدە كۆرگەن ئىدىم.

 
دېمەك تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى ۋە بايانات بەردى. تۆنۈگۈن يەنى 9-فېۋرال خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى «تۈركىيە خاتا گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئېيتقانلىرى توغرا ئەمەس، خاتالىقىنى تۈزەتسۇن، بۇ باياناتىنى قايتۇرۇۋالسۇن» دەپ جاۋاب قايتۇردى. خىتاي ئابدۇرەھىم ھېيىتنى ئۆلمىدى دېدى، تۈركىيە ئۆلدى دېدى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ۋە تۈركلەرمۇ، پۇتۈن مەدەنىي دۇنيا ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئېيتقان بىر ناخشىسى ئۇچۇن خىتاينىڭ قولىدا ئۆلتۇرۇلمەسلىكىنى تىلەيمىز.

 
دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئويۇنلار مۇشۇنداق ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننڭ قانداق ئوينالغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بىلەلىشى ناتايىن. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ قولىدا بىر ھەقىقەت بار، ئۇ بولسىمۇ مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى. بىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات ۋە تىرىكلىكىنى بىلمەي قاتتىق روھي ئازاب ئىچىدە كۈن ساناپ ياشاۋاتقىنىمىزغا ئىككى يىل بولۇپ ئاشتى، مانا بۇ يىمرىلمەس دەلىل. بۈگۈنكى ئۇچۇر دۇنياسىدا ھەتتا سۇرىيە ياكى ئافغانىستاندەك ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ خەلقلەر چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ. دېمەك، ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيا قانۇنىغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇلارنىڭ ئاتا – ئانا ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىلىرىنى چەكلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشىنى چەكلەيدۇ؟ بۇ يەردە ئېنىقكى خىتاي دۇنيادىن يوشۇرۇن ھالدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، مەدەنىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

 
ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ راست ۋە يالغان ئۆلۈمىگە باغلىنىپ، تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان دىپلوماتىيە ئۇرۇشى يۇز بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقى كۆزىمىزگە كۆرۈنۇپ تۇرۇپتۇ. بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كەسكىن ۋەزىيەتتە نېمە قىلالايمىز؟ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي جاۋابى: ”خىتاي، ئابدۇرەھىم ھېيتقا ئوخشاش، سەنمۇ مېنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى كۆرسەت، ئۇلار زادى قەيەردە، بىز بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىلى قوي. ئۇلار ئۆلدىمۇ ياكى ھاياتمۇ بىز بىلىشكە ھەقلىقمىز! جازا لاگېرلىرىدىكى مىلىيونلىغان ئۇيغۇرنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى كۆرسەت، ئۇلارنى جازا لاگېرلىرىدىن قويۇۋەت! “ دېگەن سادانى چىقىرىشىمىز، «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ»، ئۆزىمىز ياشىغان دۆلەتنىڭ تىلى بىلەن ۋەياكى بىز بىلگەن چەت تىللىرىدا بىر مەيدان مېدىيا ئۇرۇشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۈردۇر.

 
خىتاي تەمىنلىگەن ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە يەنە بىر گۇمانلاندۇرىدىغان نوقتا شۇكى ئابدۇرەھىم ھېيت ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يەنى 2017‏-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە «ئاتىلار»، «ئۇچراشقاندا» قاتارلىق ناخشىلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەجەبا ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە 8 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلگەنلىكى يالغان بولدىمۇ؟ بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەلىقئارالىق ئاخباراتلاردا خەۋەرلەر تارقالغان تۇرۇغلۇق نېمە ئۇچۇن خىتاي تارقاتقان ئۇ سىن كۆرۈنۈشىدە يەنى 2019-يلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئابدۇرەھىم ھېيت «قانۇن تەرپىدىن مېنى گۇمانلىق دەپ قارىغىنى ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە تەكشۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ تۇرلۇۋاتىمەن“ دەپ سۆزلەيدۇ؟

 
يەنە بىر ئېھتىماللىق، خىتاي بۇ يەردە ئويۇن ئويناپ، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ»، ئابدۇرەھىم ھېيتقا 8 يىللىق تۈرمە جازاسى بەرگەنلىكىنى يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە خەلىقارالىق تارتقۇلارنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنى يالغانغا چىقىرىش مۇددىئاسىغا يېتىشكەن ئورۇنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن ئابدۇرەھىم ھېيىتنى تىرىك كۆرسۇتۇپ، تۈركىيەنى يالغانچىغا چىقىرىپ، دىپلوماتىيىدە تۈركىيەنى يېڭىش ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشماس قىلىۋېتىش ئۈچۈن پىلانلىق ئوينىلىۋاتقان نەيرەڭلەرمۇ؟ يەنە بىر ئېھتىمال، ئابدۇرەھىم ھېيتقا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان بولىشى ۋە جازا لاگېرى ياكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولىشى مۇمكىنمۇ؟

 
مەيلى مۇندىن كېيىن ئابدۇرەھىم ھېيت مەسىلىسىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولسۇن، تۈركىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ سوغۇققان بولماي، ياكى تۈركىيە ئىستىخباراتى ئارقىلىق ۋەقەنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپلا ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى بىز قانداق چۈشىنىمىز؟ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىدە قان يىغلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتىنى ئويۇن قىلىپ چۆگلىتىۋاتقان ئويۇنلار ئۇيغۇرلار غا پايدىلىقمۇ ياكى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق تراگېدىيىلەرنى ئېلىپ كېلەمدۇ، بۇ تەرىپى ھازىرچە تۈن كېچىسىدەك بىزگە قاراڭغۇ.

 
خىتاي دۇنيانىڭ غوجىسى بولىمەن دەۋاتقان، ئۆز دۆلىتىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا فاشىزم يولىنى تۇتقان، ئىنسانلىققا يات بىر ھاكىممۇتلەق دۆلەتتۇر. تۈركىيە بولسا غەرب ۋە ئىسلام ئەللىرىدە رايونلۇق كۈچكە ۋە ئىناۋەتكە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ۋە دىنداش بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بۈگۈنكى ئابدۇرەھىم ھېيت مەسىلىسىدە جۈملىدىن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ۋە دىنىدىن ۋاز كەچتۇرۇلۇپ، خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەگە مەجبۇرلىنىشىدەك ئىنسان دۇنياسىدا مىسلى كۆرۇلمىگەن بۇ تراگېدىيىلەرنى توسۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلالايدۇ؟

 
تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. ئەپسۇس خىتاي ھوكۈمىتى مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ئۆتكەنكى 2 يىلدا تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي تىجارەت ئالاقىلىرى ئالاھىدە كۈچلەندى. پەقەت 2018-يىلى ئىيۇلدا خىتاينىڭ تۈركىيەگە بەرگەن قەرزى پۇلى 3 مىلىيارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللار بولغان. بۇ رەقەم بىزگە نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ.

 
ئەلۋەتتە، يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ بېشىدىن قاتتىق بوران – چاپقۇنلار ئۆتتى. تۈركىيەنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى بىز چۈشىنىمىز ئەمما بۇ قىيىنچىلىق تۈركىيەنىڭ جانى – جان مىللىي مەنپىئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. تۈركىيەدە 2016-يىلى 15-ئىيۇل يۈزبەرگەن ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئىسيانى، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ۋە ئامېركىنىڭ سۇرىيە كۇرد قۇراللىق كۈچلىرىنى قوللىشى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ئەڭ نېگىزلىك دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەنپەئەتىگە باغلىنىشلىق ۋەقەلەر سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيەنى خىتاي ۋە روسىيەگە يېقىنلاشتۇردى. ئەمما بۇ خىل يېقىنلىشىش ئېغىر شەرت ئاساسىدا بولدى، يەنى خىتاي تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، روسىيە بولسا قىرىم تاتارلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيەنى سۈكۈتتە تۇرۇشىقا قىستىدى ۋە ھەر ئىككىلىسى يەنە تۈركىيەنى غەربكە قارشى كوزۇر قىلىپ قوللاندى. تۈركىيە ئۆزىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى خىتاي ۋە روسىيەدىن ئىزدىدى.

 
شۇنداقتىمۇ تۈركىيە ئۆز سالمىقى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تىرىشسا، دادىل ۋە ئادىل بولسا، قولىدىكى ئۇيغۇر – تۈرك قېرىنداشلىق قارتىسىنى ماھىرلىق بىلەن ئوينىسا ھېلىمۇ كېچىكمەيدۇ. ھىچ بولمىغاندا، بۈگۈن يۈزبەرگەن بۇ كرىزىستىن غالىب كېلەلەيدۇ. تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئابدۇرەھىم ھېيت راستىنلا خىتاي دېگەندەك ھايات بولسا «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئېتنىك قېرىندىشىمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. سىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوچۇق بولمىغانلىغىڭلار ئۇچۇن بىز ئابدۇرەھىم ھېيت ھەققىدىكى خەۋەرنى خاتا ئاڭلاپ قاپتۇق. سىلەر تارقاتقان خىتاي خەلىقئارا رادىئوسىنىڭ تۈركچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، ھەم ئابدۇرەھىم ھېيت تىرىك دەپ ئەۋەتكەن سىن كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ بىز خوش بولدۇق. شۇڭا تۈرك خەلقى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئابدۇرەھىم ھېيت مەسىلىسىگە قارىتا تۈرك خەلقىنىڭ ئىنكاسى سەزگۈر. شۇڭا سىلەر ئابدۇرەھىم ھېيىتنى تۈرك خەلقى بىلەن دىدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۇركىيەگە يولغا سەلىپ قويۇڭلار. ئابدۇرەھىم ھېيت مەسىلىسى تۈركىيە – خىتاي ئىككى دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق مۇھىم مەسىلە.“ دەپ تۈرك خەلقى ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبراز سىموۋۇلى بولغان سەنئەتكارنى بېيجىڭدىن بىۋاسىتە سوراپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە كۇجى يېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

 
ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەردوغان تۈركىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سەمىمىمۇ يوق؟ ئەگەر راستىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي ۋە دىن قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا، ئۇلار تارتىۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلەردە ياردەم قولىنى سۇنسا، ھىچ بولمىسا ئابدۇرەھىم ھېيىتنى قۇتقۇزۇپ چىقالىسا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت ئۇستىدىكى ھۆكۈمىتى، قىسقىسى ئەردوغان ئىقتىسادي مەنپەئەت ئۇچۇن ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا، نائىنسانىي قىلمىشلىرىغا كۆز يومۇپ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن سەلبىي ئوبرازىنى تۈرك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ھەم دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىدە ئاز-تولا ياخشىلىۋىلىشى تامامەن مۇمكىن. بۇ يەنىلا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قەتئىيلىكى بىلەن، ئەقىلى ۋە سىياسىي تاكتىكا بىلەن ئىش كۆرۈشلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر قارتىسى تۈركىيە ئۇچۇن ناھايىتى قىممەت باھالىق قارتا، ئەگەر ئەردوغان ياخشى ئوينىيالىسا ئۇتۇپ چىقىشىدا گەپ يوق.

 
گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر ئىرقىي ۋە دىنىي مەسىلىدىن ھالقىپ، بىر ئىنسانىي مەسىلىگە ئايلانغان بولسىمۇ يەنىلا تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىرقىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىقى، ھىچ بولمىغاندا غەرب دۇنياسى بىلەن تەڭ ئاۋازدا سادا چىقىرىشى، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئابرويىغا پايدىلىق بولسا، دۆلىتى ئىچىدە ئاق پارتىيەنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ كوڭۇل مايىللىقىنى ئۇتۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا بەلكىم بۇ قېتىم ئەردوغان ئەپەندى سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئۇلگۇرتۇپ «ئۇيغۇر قارتىسى» نى ئوينىغاندەك قىلىدۇ.

 
ئەمما بىز يىللاردىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قىلغان ياردىمىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە شۇنى مۇئەييەنلەشۇرۇشىمىزكى ئۇيغۇرلار ھازىر بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار ۋە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۇچكە، ئۇچۇنچى چوڭ ھەربىي كۇچكە ئىگە بولغان خىتاي دولىتى تەرپىدىن پەقەت ۋە پەقەت گۇناھى ئىرقى كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۇچۇن ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن يوقۇتۇلۇۋاتىدۇ. بۇ تراگېدىيە ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋىجدانىغا ۋە غورۇرىغا قىلىنغان خورلۇق، ئاھانەت بولۇپ ھېسابلانسا، ئىككىنچىدىن ئىسلام دۇنياسىغا قىلىغان ئاھانەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى پىلسىرات كۆۋرۈكىدە تۇرۇۋاتقان بىر جىددىي ھايا-ماماتلىق پەيىتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈمىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىشى ۋە قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ خىتاينى تەنقىد قىلىشىنى، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، تىنىچلىقنى ۋە ئىنسانلىقنى سۆيىدىغان پۇتۈن دۇنيا ئالقىشلايدىغان زور بىر ئىجابىي قەدەمدۇر. ئەمما تۇركىيەنىڭ كۆپ جۈرئەتكە كېلىپ ئۇيغۇر ئۇچۇن ئاخىرى ئېغىز ئېچىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدانى «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك نەتىجىسىز بولۇپ قالماسلىقى ۋەياكى يەنە قانداقتۇر بىر پەردە ئارقىسىدا كېلىشىپ ئوينالغان ئويۇنلارنىڭ پېشكىسى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمىز چۈنكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلىقى تۇركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى ئۆز – ئارا ئېرىشىدىغان مەنپەئەتتىن ئۇستۇن تۇرىدىغان، تارىخ ۋىجدان سورىقىنى سورايدىغان ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەتتۇر.

 
2018-يىلى 10-فېۋرال.

 
 

______________________________________

پايدىلانغان مەنبەلەر:

BBC World Service interview with Rachel Harris about Abdurehim Heyit

Abdurehim Heyit Chinese video ‘disproves Uighur musician’s death’

China’s treatment of Uighurs is ’embarrassment for humanity’, says Turkey

Abdurrehim Heyit ölmedi, Türkiye Dışişleri’nin Xinjiang iddiaları asılsız

”Uyghur Duttar King“ detained in China

Prominent Uyghur Musician Arrested Amid Ideological Purge in Xinjiang

China backs Turkey to overcome its economic crisis

ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !