12- «دېكابىر ئوقوغۇچىلار ھەركىتى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كەچۇرمىشى

(1985- يىلى ئۇرۇمچىدە يۇزبەرگەن 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ 28 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

 
ئاپتورى: روزىنىسا (مۇستەقىل تەتقىقاتچى)

 
“ئەزىز

ۋاقىت – ئۇ ھەرقانچە ئالدىراڭغۇ بولسىمۇ، تارىخنى ئارقىسىغا ياندۇرالمايدۇ. بەلكى تارىخ ئەنە شۇ ئالدىراڭغۇ ۋاقىتنى ئوز قۇچىقىدا ئەللەي ئېتىپ، پەپىلەپ ھاياتنىڭ بۈيۈك كارۋانلار توپى بىلەن بىللە ئۇنى ئۇپۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆز يەتكۈسىز نىشانغا قاراپ ئوز رىتىمىدا ئېلىپ مېڭىۋېرىدۇ…. سىز ۋە بىز بۇ ھاياتلىقتا ئەينەن شۇ كارۋانلار سەپىگە قوشۇلغان بىر يولۇچىدىنلا ئىبارەت، خالاس!

 
ئەگەر سىز تارىخنى ياراتقان بولسىڭىز ۋە ئۇ تارىخ پەقەت چىن بولسىلا، مەيلى ئارىدىن 28 يىل ئۆتسۇن ياكى يۈز يىللار ئۆتسۇن، شۇ ياراتقىنىڭىز خەلقىڭىزنىڭ بەختى، سائادىتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى مەقسەت قىلغانلا بولسا، ئۇ خەلقىڭىزنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ئەبەدكە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان تارىخىي خاتىرە بولۇپ ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ….. چۈنكى تارىخنىڭ ھەر بىر بېتىنى ئىنسانلار جاپالىق كۈرەشلەر بەدىلىگە ياراتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھېچ بىر ئىنسان ئىنكار قىلالىغىنى يوق.

 
ئەنە شۇ دۆلەت قانۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، مىللىي كەمسىتىلىش، تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىك ھەممىلا يەردە يامراپ كەتكەن بىر تۈزۈلمە ئاستىدا، 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن “12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى” دە تەشەببۇس قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىلغار دېموكراتىك ئىدىيە ۋە شۇ ئىدىيىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ كۈلپەتلىك قىسمەتلىرى … مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتىگە شان شەرەپ ئاتا قىلىدىغان ئۇنتۇلماس تارىخ بولۇپ، بۇ تارىخ دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى تېررورىست ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قانۇننى، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تەڭلىك ۋە باراۋەرلىككە تەشنا بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىر بىرگە، مىڭلىغان ۋە ئونمىڭلىغان ئەزىز ئەيساغا ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك دېموكراتىك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مىللىي كەمسىتىش، مىللىي زۇلۇم ۋە ئېزىلىش بولمىغان، تەڭلىك باراۋەرلىك ئاساسىدىكى يېڭى بىر تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش يولىدا شۇ يىللاردىن باشلاپ جاپالىق كۈرەشكە ئاتلانغانلىقى ۋە شۇ يولدا بېشىغا كەلگەن رەھىمسىز ۋە ئازابلىق قىسمەتلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.


مۇندىن 21 يىل ئىلگىرى، يەنى 1992-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە ناھايىتى ئاددىي بىر ۋەقە يۈز بەردى، بىراق بۇ ۋەقە بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە پۈتۈنلەي يېتەرلىك ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمى، چىگىدىن كىرىپ – چىققۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغىنىغا ئاران 10 ئاي بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى فاكۇلتېتى رۇس تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن “جىنايى تارىخنى يوشۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇر” دېگەن جىنايەت بىلەن خىزمەتتىن ھەيدەلدى. بۇنىڭ ساۋابى 1986-يىلى 12- دېكابىر كۈنى تېخى ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن شۇ قېتىمقى 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىر پارچە چاقىرىقنامە يېزىپ، ئۇنى مەكتەپ مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىكەن.

 
شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) خىتاي دۆلىتىنىڭ جىنايەتچىلەر لاگېرىغا ئايلانغاندىن بىرى، تارىم ئەتراپىدىكى چوڭ – كىچىك شەھەرلەردە جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كېتىشىدەك قانلىق ۋەقەلەر ھەر دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇراتتى. مۇشۇ خىلدىكى جىنايى ۋەقەلىرىنىڭ بىرى 1991- يىلى شايار ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم دەريا بويىغا جايلاشقان تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى (تارىم تۈرمىسى) دا يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا شايار ناھىيىسىنىڭ تارىم تۈرمىسىدە جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنلا، بانكىدىن بىرلا قېتىمدا 500 مىڭ يۈەن خىتاي خەلق پۇلىنى بۇلاپ كېتىشتەك ئېغىر جىنايى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار بۆلۈمى تېخى يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان، ساقچى كىيىمىمۇ كىيمىگەن (ساقچى كىيىمى ئادەتتە بىر يىل سىناق ئىشلەپ رەسمىيلەشتۇرۇلگەندىن كېيىن تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ) ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن يەنە بىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابلا بىلەن بىللە شايار ناھىيىسىدىكى چەتئەلگە چىققانلار ۋە پاسپورت بار ئادەملەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئەزىز ئەيسا خىزمەتدىشى بىلەن شايار ناھىيىسىدە 3 كۈن تۇرۇپ خىزمىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇغا قايتىپ كېلىدۇ.

 
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ شۇ قېتىمقى خىزمەت سەپىرىدىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى سىياسىي قوغداش بۆلۈمى يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە شايار ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئارخىپلىرىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي قوغداش بۆلۈمىگە تاپشۇرىدۇ. بۇ قېتىم تاپشۇرۇلغان ئارخىپلار ئىچىدە ئەزىز ئەيسانىڭ شاياردا تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا 12- دېكابىرنى ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان تەشەببۇسنامىسى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ دېلونى سىياسىي دېلو قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغانلىق ھەققىدىكى ئەسلىدىكى ئارخىپلار سىياسىي گۇماندارلارنىڭ ئارخىپلىرى ئارىسىدىن تېپىلىدۇ.

 
شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1986- يىلى ئەزىز ئەيسانى سوراق قىلغان، 1992- يىلى شايار ناھىيىلىك سىياسىي قوغداش ۋە تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغانلىقى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقان خ خ خ ئىسىملىك ساقچى بۇ پۇرسەتنى ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش، خىزمەت كۆرسىتىش ۋە تېخىمۇ چوڭراق ئەمەلگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، مەخسۇس ئەزىز ئەيسانىڭ “12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى” نىڭ بىر يىللىغىنى خاتىرىلەپ مەكتەپ ئىچىگە تەشۋىقات ۋاراقلىرى چاپلىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى ۋە مەخپىي سىياسىي تەشكىلات قۇرغانلىقى قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئايرىم بىر دوكلات تەييارلاپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شىۇمىڭغا ئوز قولى بىلەن تاپشۇرىدۇ. گەرچە بۇ دېلونى ئەينى چاغدا مەكتەپ ۋە ساقچى ئىدارىسى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ بولغان بولسىمۇ، ھەتتا 1988- يىل ئەزىز ئەيسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن ۋە يەنە ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ بىراق شۇ ئىش يۈز بېرىپ 7 يىلدىن كېيىنمۇ بىر قارا سايە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئاخىر بۇ قارا سايە ئەزىز ئەيسانى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئوز ۋەتىنىدە ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ…

 
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1970- يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارىم دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى بوستانلىق شەھەرلەردىن بىرى بولغان شايار ناھىيىسى توي بولدى يېزا يېڭىچىمەن (تاللىقبۇلۇڭ) كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سىلىق سىپايە، ئەدەپ قائىدىلىك، كىتابخۇمار، يېزىقچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە ئەزىز ئەيسا ئەسلىدە بۇ كوپ قىسمى ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كېلىدىغان، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتى بولمىغان ۋە خۇددى ماشىنا ئادەمدەك خىزمەت قىلىدىغان ساقچى قوشۇنى ئۈچۈن ناھايىتى ئەتىۋارلىق ئىختىساس ئىگىسى بۆلىشى كېرەك ئىدى. بىراق 7 يىلنىڭ ئالدىدا ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يازغان بىر پارچە خاتىرىلەش خاراكتېرلىك يازمىسى تۈپەيلىدىن، مانا ئەمدى بۇ ساغلام تەپەككۇرلۇق، قولىدىن كوپ ئىشلار كېلىدىغان ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ياش بۇ دۆلەتتە، مۇشۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئاستىدا ئېغىر بىر روھى بېسىمغا مۇپتىلا قىلىندى. ئۇنى ئاز دېگەندەك ساقچى ئىدارە باشلىقى ياڭ شىۇمىڭ چوڭ يېغىنى ئېچىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەر ئالدىدا كۆپچىلىككە “بۇ ساقچى قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان مىللىي بۆلگۈنچىنىڭ يوشۇرغان سىياسىي جىنايەت تارىخىنىڭ ئارخىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقىنى، ساقچى قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ساقچى ئىدارىسىدىن قەتئىي قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى” ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئىشلەش ھوقۇقى پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ. ئۇ نەق مايداندىلا ساقچى ئىدارىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ساقچى ئىدارە باشلىغىنىڭ بۇ جاكارلىغىنى ئەزىز ئەيسانىڭ بۇنىڭدىن كىيىن بۇ دۆلەتتە ھەر قاچان ۋە ھەر ۋاقىت ساقچىلار تەرىپىدىن خالىغانچە تەكشۈرۈلۈشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

 
دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ۋۇجۇدىدا خىزمەتكە، ھاياتقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ياشنىڭ يۇمران قەلبىگە چوڭقۇر ئازاب ۋە ساقايمايدىغان خورلۇقنىڭ تامغىسىنى باسقان ئىدى. ئەزىز بۇ ئىشقا قەتئىي نارازى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەرزىيەت ئىدارىسى، مەركىزى كومىتېت ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەرز ئېيتىپ باردى، بىراق ھېچ كىشى ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن يازما يازغىنىنى ئاڭلىغان كىشىلەر باشلىرىنى چايقىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى تارتىشتى. ئۇزۇن كەتكەن ئەرز قىلىش مۇساپىسىدىكى 4 يىل جەريانىدا ئۇنىڭ بارمىغان يېرى قالمىدى، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ئارانلا “ ئەرزى قوبۇل قىلىندى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىڭلا” دېگەن بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەزدىنلا ئىبارەت بولدى، بىراق بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندى. ئەنە شۇ ئەرىز-داۋا قىلىش يولىدا يۈرگەن نەچچە ئون مىڭلىغان دەۋاگەرلەرنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭغا بۇ دۆلەتنى، بۇ تۈزۈلمە ئاستىدا ئاشكارىلانمىغان، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئۆگەتمىگەن باشقا بىر دۇنيانى تونۇتقان ۋە چۈشەندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دەۋا قىلىش ئىرادىسى، ئادالەتنى ئىزدەش ئىستەكلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ دەۋانى توختاتمىغانلىق ئۈچۈن نەتىجىدە باشقا دەۋاگەرلەرگە ئوخشاش قانۇنسىز قولغان ئېلىنىپ سولاقخانىغا سولاندى، ئەركىنلىكى چەكلەندى، بۇ كەچۈرمىشلەر 1999- يىلغىچە، ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. نەتىجىدە بۇ دۆلەت، بۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىر ئىقتىدارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى زورلاپ ئۆزىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئىتتەرگەن ئىدى.

 
ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ قارشى تەرىپىگە ئىتتىرىلگىنى ئەزىز بىرلا كىشى بولماستىن، ئۇيغۇرنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئالىي ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلىرى ئىچىدىكى كاللىسى ساق، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھاممىسى بۇ تۈزۈلمىنىڭ گۇمانلىنىدىغان، گەپنىڭ راستىنى دېگەندە قورقىدىغان كىشىلىرى ئىدى. چۈنكى بۇ كىشىلەرنىڭ ھار بىر ماڭغان تۇرغىنى نازارەت ئاستىدا بولغىنى يەتمىگەندەك، يەنە ئۇلارغا سىياسەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ھەرخىل جىنايى تۆھمەتلەر چاپلىناتتى. يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بىرى بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىخىيىلىك شەكىللەنگەن ھەرقانداق بىر ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ھەرقانداق بىر ئىنسانغا بۇ دۆلەت ئوز تۈزۈلمىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياساپ چىقىرىلغان ھەرخىل ئويدۇرما جىنايەت ناملىرىنى چاپلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ تۇردى. نەتىجىدە بۇ يەردىكى كىشىلەر خۇددى ئۇستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشىغاندەك ياشاپ كەلدى. گەرچە بۇ تۈرمىنىڭ ئۇستى ئوچۇق بولسىمۇ بۇ يەنىلا تۇرما ئىدى، قانىتى يوق ئۇيغۇرلار نىسبەتەن ئۇستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاش رەسمىي تۈرمىگە قامالغاندىنمۇ ئازابلىق ئىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ يەردە يېشىل ئاسماننى، ئاق بۇلۇتلارنى كۆرەلەيتتى. ئەنە شۇ ياپ – يېشىل ئاسمانغا تەلپۈنۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ پايدا بۆلىشى تەبىئىي ئىدى، بىراق ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغىنى ئۈچۈن ئارزۇ – ئارمانلارنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئازاب ئوقۇبەتكە، يۇرەكزادىلىككە ھەتتا يەنە ئومۇتسىزلىككىمۇ باشلاپ باراتتى.

 
نەتىجىدە ئامالسىز قالغان ئەزىز ئەيسا مېھرىبان ئانىسىدىن، دادىسىدىن، سۆيۈملۈك ئايالىدىن، تېخى ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزىدىن، ئەل – ئاغىنە، دوست – بۇرادەرلىرىدىن، ئوز ۋەتىنىدىن، ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدە قانىتى بوغۇلغان قۇش، تومۇر قەپەسكە سولانغان يولۋاس بولۇپ ياشاشنى خالىمىدى. چۈنكى تومۇر قەپەستە ياشاۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ ھايات – ماماتى ھەر ۋاقىت ھار زامان خەۋپ ئاستىدا ئىدى. 1999-يىلى ئۇ ھەق يول ئىزدەپ قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە فىرانسىيە ئارقىلىق بىر يىلدىن ئارتۇق سەرسان بولۇپ مىڭ بىر مۇشەققەتلەرنى تارتىپ ئاخىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كەلدى. ئۇ بۇ يەردە ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تېخىمۇ قاتتىق تارتتى. ئۇ بۇ سەرگەردانلىق ھاياتىدا كېچىللىرى باسما زاۋۇتىدا، كۈندۈزلىرى تازىلىق شىركەتلىرىدە ئىشلىدى، تۇرمۇش ئۈچۈن ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممە خىزمەتنى قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇ ياۋروپادىكى ئەركىن دېموكراتىك مۇھىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا چامىنىڭ يىتىشىچە تونۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن دادىل ھەق سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 
ئۇ ھەر قېتىم ۋەتىنىنى قاتتىق سېغىنىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۈرىكى ئازابتىن پۇچىلانغان چاغلاردا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ ئازابلىق تۇيغۇلار ئۇنىڭ يۈرىكىدە كۈچلۈك غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى پايدا قىلاتتى، بۇ خىل تۇيغۇلار قوشۇلۇپ ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى يېنىش ئالدىدا تۇرغان ۋولقاندەك تىتىرايىتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ئوتىدا پۇچىلىنىپ كۆيەتتى… ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەتەنسىزلىك قىسمىتىنى پايدا قىلغان ئاشۇ ئادالەتسىزلىككە، ئىستىبدات تۈزۈمگە لەنەتلەر ئوقۇيتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن تارتىپ پايدا بولغان چوڭقۇر جاراھەت ئىزلىرى باشقىدىن تاتىلىنىشقا باشلايتتى… بىراق ئۇ ئەقلى ھوشى جايىدا ئىنسان ئىدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ ئانىسىنىڭ مۇنۇ گەپلىرىنى ئېسىگە ئالاتتى: “بالام، ئادەم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىغا تايىنىپ ئىش قىلسا پۇشايمانغا قالىدۇ، ئىنسان ئەقىلگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش كېرەك. ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلغاندا كىشى ھەرگىز قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قالمايدۇ، ئەقىلگە تايىنىپ قىلغان ئىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئەڭ يېقىن بولىدۇ…”

 
خەلق ئارىسىدا شۇنداق بىر گەپ بار ”ئاللانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ“. ئاللاھ ساڭا سېنىڭ ھايات رىزىقلىرىڭنى ئاتا قىلغانىكەن، ئۇ ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن ھامىنى سېنىڭ بولىدۇ. ئەزىز لوندوندا بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندا مەخسۇس ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەنگلىيەلىك قىز – لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا – ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسور دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئەڭ قىزغىن مۇھەببەتلىرى بىلەن بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئەزىز ئەيسانىڭ تۇرمۇشىدىكى سەرسانلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. لوندوندا ئۇ مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ئوز خاھىشى بىلەن ھەر خىل ژانىردىكى ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھېچقانداق توسالغۇسىز نەشر قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇ ئەنگلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تەرجىمانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئەنگلىيەنىڭ BBC رادىئو – تېلېۋىزىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزبېك ۋە ئافغان بۆلۈمىدە بىر مەزگىل مۇخبىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2004-يىلى ئەزىز ئەيسا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرنىڭ ناخشا مۇزىكا سەنئىتى ئارقىلىق خەلقئاراغا تونۇتۇش يولىدا ناھايىتى زور ھەسسىلەرنى قوشىدۇ. 2010- يىلدىن بىرى ئۇ باش شتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش، يېزىش ۋە نەشر ھوقۇقىنى قوغداش، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كوپ خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرنى قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ۋە تور سەھىپىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ 2010- يىلى چوڭلار مائارىپى بويىچە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى Birkbeck ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر -ئالاقە ۋە تور لايىھىلەش كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ لوندوندا ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تور لايىھىلەش ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ھازىر ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

 
مۇساپىرچىلىقتا ئوتكەن ھايات كىشىنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە بولغان تۇيغۇلىرىنى ناھايىتى سەزگۇرلەشتۇرىۋېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئەزىز ھەر قېتىم ئەسلىدە ئۆزى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ۋە بۇ چەت دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە سەمىمىي ياردەم قىلغانلىرىدا، ئۇلارنىڭ سەمىمىي قوللاشلىرىغا ئېرىشكەن چاغلاردا، ھەر تەرەپلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن چاغلاردا ، ئۇ شۇ كىشىلەرگە چەكسىز مىننەتدار بولۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇنىڭ قەلبىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز يەنە بىر خىل تۇيغۇ قاتتىق چىمدىپ ئازابلايتتى. ئۇنىڭ خىياللىرى ئۇنى ئىختىيارسىز ئەنە شۇ ۋەتەندىكى ئازابلىق كۈنلەرگە باشلاپ باراتتى، ئەنە شۇ چاغلاردا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۆزىگە چاپلىغان تۆھمەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇ شۇنچە كوپ ئورۇنلارغا ئەرز ئېيتىپ بارغان بولسىمۇ ، بىراق شۇ چاغلاردا ئوز ۋەتىنىدە ئادالەتنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىڭ تاقالغان ئىدى. ئۇ گەرچە مۇشۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانى بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق سەۋەبسىزلا، ھەتتا قانۇنسىز ھالدا مۇشۇ دۆلەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تىرىشىپ ئوقۇشتىكى مەقسىتى ئوز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، مۇشۇ ئۆزىنى تەربىيىلىگەن ئانا تۇپراقنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى، بىراق بۇ يولسىز ۋە مۇستەبىت تۇزۇم تۈپەيلىدىن ئۇ ئانا تۇپرىقىغا پاتمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ئىدى، چۈنكى ئۇ ۋۇجۇدىدا ۋەتىنىگە بولغان ئىشقى مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھوش كاللىسى جايىدا، قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن بىر ئۈمىدۋار ياش ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە ۋەتىنى، خەلقى بار ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىدى. ئۇ ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇققاندا بەزى بىر كىشىلەردەك قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشمەستىن، ئەكسىچە ” بۇ نېمە ئۈچۈن؟” دېگەن سوئالنى سوراشنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە ئۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۆسمۈر بالا بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 1985- يىلى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى.

 
ئۇنداقتا 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى زادى قانداق ھەرىكەت؟ 1985- يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى مىقياسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھاۋاسىنىڭ شامىلى بىلەن خىتاي مەملىكىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن قېتىملاپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەردى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ يېتىپ كەلدى. ئەينى چاغلاردا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە خۇ ياۋباڭ رىياسەتچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى مودېتىل بولۇپ، “ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.” (1) دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى. بىراق خۇ ياۋباڭنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىنى ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك مەنتىقىسىدە تۇرۇپ ھەل قىلى ئۇسۇلى مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. نەتىجىدە 1987- يىلى 1-ئايدا “پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇش يېغىنى “دا دىڭ شاۋپىڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم “پېشقەدەملەر” خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سايلام بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سېكرېتارنى قانۇنسىز ھالدا ھوقۇق سەھنىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. مانا شۇنىڭدىن كېيىكى خىتاي مەملىكىتى ئىچىدە “بۇرژۇئازىيىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئەركىنلىكنىڭ زەھىرىنى تازىلاش كۆرۈشى“ نامىدىكى يېڭى بىر سىنىپىي كۈرەش باشلىنىپ كەتتى.

 
مانا بۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي مەملىكىتىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ قۇربانى بولدى. نەتىجىدە بۇ ھەرىكەتكە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ”ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش“ ھەرىكىتى دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، “دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت” دەپ قارىلىپ شۇ ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىدى.

 
ئەمەلىيەتتە يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلەر مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك ئۆزىنى “خەلقنىڭ چاكىرى” دەپ ئاتىۋالغان ھۆكۈمرانلار بىلەن” دۆلەتنىڭ خوجايىنى” دەپ ئاتىلىپ كەلگەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەتلا “خوجايىن” “ چاكار” نىڭ مەلۇم قىلغان ئەتكەنلىرىدىن رازى بولمىغانلىقتىن پايدا بولغان زىددىيەت ئىدى. ئاخىرغا كەلگەندە بۇ ئەمەلىيەت پۈتۈنلەي ‘پەرداز” بىلەن بۇرمىلىنىپ ، “خوجايىن” لارغا “مىللىي بۆلگۈنچى”، “تېررورىست’ دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈش ئارىلىق ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۇلدى. بۇ خىل قالپاقلارنىڭ كىيدۈرۈلۈشى ھۆكۈمرانلارنىڭ پۇقرالارغا قارىتا دېكتاتۇرلۇق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە بەكلا قۇلايلىق ئىدى. بۇ قالپاقلار ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق ئۇستىدىن جازا يۈرگۈزۈشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا ئاساس يارىتىپ بېرەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مانا مۇشۇ خىلدىكى قالپاق كىيدۈرۈش ئۇسۇلى ئۇزۇندىن بىرى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ كەلگەن ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنىڭ بىر يەكۈنى بولۇپ قالغان ئىدى.

 
بولۇپمۇ ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتاي دۆلىتى تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۆلچىمى بىلەن خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە نارازى بولغۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇشقا باشلىدى، مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسەت مەسىلىسىدە ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقىنى يوشۇرۇپ قالماقچى بولۇشتى. پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت قورالىنىڭ تىغ ئۇچى پۇقرالارغا قارىتىلدى ۋە بۇ قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قارمۇ –قارشى تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىلگەن قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئوز ئالدىغا چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئالدىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئاساس سالدى.

 
دەسلەپكى بىر مەزگىلدە دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى چۈشەنمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغلاردا ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىلىرى ھازىرقىدەك راۋان بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن دۇنيانى ئالداپ كەلگەن ئىدى. دۇنيا تىز سۈرئەتتە بىر گەۋدىلىشىش يۆلىنىشىگە قاراپ ماڭغاندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ تىز راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈن دۇنيا تىزلا خەۋەر تاپىدىغان بولدى. مانا بۇ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى ئەۋزەل شارائىت تۈپەيلى خىتايدا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشلار ئوز ۋاقتى-قەرەلىدە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن، دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرى بۇ ئىقتىسادىي ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادىكى 2- ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە 64 يىلدىن بىرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى سىياسىي ۋە جىنايەت قىلمىشلىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيا بۇ دۆلەتكە ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولدى. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى يىللاردىن بىرى ئوز خەلقىنىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتقاچقا، مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا بۇ دۆلەتكە گۇمانلىق نەزىرىنى ئاغدۇردى. خىتاي دۆلىتى گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئون نەچچە يىل قوش رەقەم بىلەن تىز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى ئىناۋىتىمۇ ئوخشاش قوش رەقەم بويىچە بارغانسېرى خۇنۈكلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. دېمەك شۇنداق بىر ھەقىقەت ھەممىگە ئورتاقكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ۋە ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما يوقىتىلغان ئىناۋەتنى پۇلغا سېتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. خىتاي دۆلىتى ئوز خەلقى ۋە خىتايدىكى خەن مىللىتى بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئوز زېمىنىدا ئاز سانلىققا چۈشۈپ قالغان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى يوقاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەن خەلقىنىڭ قەلبىگىمۇ “ئىستىبدات” ھاكىمىيەتلىك تامغىسىنى باستى.

 
يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى پۇقراغا قاتتىق قوللۇق قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ قورال كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئوز خەلقىگە بولۇپمۇ ئوز دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇردەك بىر قەھرىمان مىللەتكە جازا يۈرگۈزۈشىدىن ئىبارەت “بىچارىلەرچە” ئۇسۇلى ئاخىرقى ھېسابتا يەرلىك خەلقىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. نەتىجىدە خىتاينىڭ تۈزۈلمىسى بىلەن خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوز-ئارا پىكىرلىشىش يولى شۇنىڭدىن كىيىن ئومۇمەن ئۈزۈلۈپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى، يەنى ئوز-ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا مايدانغا كېلىدىغان دىئالوگلارنىڭ ئىمكانىيىتى يوقالغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە مانا ھازىرقىدەك مەسىلىنى مەسلىھەت بىلەن، ئوچۇق سۆزلىشىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولماسلىقتەك قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەندى. تەبىئىيكى ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا ئوز-ئارا بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئوچۇق سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىمۇ يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇنداق بىر جەمئىيەتتە، خەلقنىڭ ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتى ناھايىتى تىزلا ئەسەبىيلىك بىلەن قارشىلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ھالەت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا كۆرەلمەستىن، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خەن شوۋىنىزمى مەنتىقىسىدىكى خاتا تەشۋىقاتى بىلەن زەھەرلىنىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى “تېررورىست مىللەت”، “ناچار مىللەت” ۋە “ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىشكە تېگىشلىك مىللەت “دەپ قارايدىغان خەن مىللىتى بىلەن بارلىق خەن مىللىتىنى ئۆزلىرى ئۇستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان “ھۆكۈمران مىللەت” ۋە “تاجاۋۇزچى مىللەت” دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەنلەر ھەر دائىم يەرلىك خەلق تەرىپىدىن “ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەكىلى” دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھەر قانداق بىر ئورگانغا كىرسىڭىز ئۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى چوقۇم خەن مىللىتىدىن بولغانلارنىڭ قولىدا بولغاچقا، نەتىجىدە مەيلى خەن مىللىتى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان خەن مىللىتى مەيلى نىمىلا قىلمىسۇن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

 
ئەگەر بىز ئىشنىڭ ئۆزىنىلا ئوبيېكتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ تۇپراقتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدىكى پەقەت يېقىنقى مەزگىلدىكى بىرسىنى، يەنى 1985-يىلدىكى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خىتاي سىياسىتىنىڭ ئاز-تولا مودېتىللىشش خاھىشىغا يۈزلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا ئوز تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بىر ۋاقىتتا پارتلاپ چىققانلىقىنى ، ئۈرۈمچىدىكى شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شۇ دەۋردىكى خىتاي مەملىكىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىي مۇھىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەينى يىللاردا خىتاينىڭ ھار قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئوز – ئارا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئوز ئارا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ رەت قىلالمايمىز، ئەلۋەتتە. گەرچە شۇ قېتىمقى 1985- يىلىدىكى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 1989- يىلدىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسى بىلەنمۇ مەلۇم خاراكتېر جەھەتلەردىن ئاز-تولا ئورتاقلىقى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى ۋە يەكۈنلىنىشى ھەم كېيىن كەلتۈرگەن ئاقىۋەتلەر تەبىئىيكى روشەن پەرقلىنىدۇ. گەرچە ئۈرۈمچى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن رامكىسى ئىچىدە تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ۋە نارازىلىق ھەرىكىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ خىتاي خەن مىللىتىنىڭ ھۆكۇمىرانلىغى ئاستىدىكى بىر دۆلەت بولغانلىقى سەۋەبلىك مەسىلە قانۇن ئارقىلىق ئادىل ھەل قىلىنىش ئەمەس، بەلكى مىللەت ئۇقۇمى، مىللەت ئايرىمىسى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

 
دېمەك خىتاي دۆلىتىدە سانى ئاز بولغان، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە خاراكتېرى بۇرمىلىنىپ تەبىر بېرىلىدىغانلىقى، ھاكىمىيەتنى مونوپول قىلغان خەن مىللىتىنىڭ خەن بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى ھەر قانداق چاغدا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان تەھدىت دەپ قاراپ، دوست -دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش دەپ قارايدىغانلىقى، قىسقىسى مىللەت ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىنىڭمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ۋە ئوخشىمايدىغان نەتىجە بىلەن خۇلاسىلانغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ماھىيەتنى بىلىۋالالايمىز.

 
بولۇپمۇ بۇ 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن خالىغانچە بېكىتىلگەندىن كىيىن، ئادەتتىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىمۇ ئاخىرىغا بارغاندا باشقىچە تۈس ئېلىپ، دۈشمەن بىلەن ئوز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. مەسىلەن: 1985-يىلدىن بىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە نۇرغۇن قېتىم ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى، ئەينى چاغلاردا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان خۇ ياۋباڭنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا “ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش” دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى. بىراق گەرچە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى- ئوخشاش بىر دۆلەتتە، ئوخشاش بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما مىللىتى ئوخشىمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ نامايىشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىمۇ ئوخشىمايدىغان قىسمەتلەر بىلەن ئاياغلاشتى. خۇ ياۋباڭنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كەلگەندە شەكلى ئۆزگەردى. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئەزىز ئەيسانىڭ كەچۈرمىشلىرى مانا بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسى دەسلەپتە “6- ئىيۇن ئەكسىلئىنقىلاۋى توپلاڭ” دەپ بېكىتىلگەن ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇ مۇقام ئۆزگىرىپ “1989-يىلى باھار ياز پەسلىدىكى سىياسىي بوھران” ياكى “4-ئىيۇن بوھرانى”دەپ ئىزاھات بېرىلىدىغان بولدى. بىراق 1985- يىلى 12- دېكابىردىكى ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى بولسا “مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى” دەپ بېكىتىپ، ئۇنى مەڭگۈ ئاقلانمايدىغان قارا دېلولار قاتارىغا كىرگۈزۈۋەتتى.

 
ئەمەلىيەتتە بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ئەڭ تىنچلىق يولى بىلەن، ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ- تەلەپلىرىنى ئىپادىلىشى، شۇنداقلا ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى خوجايىنلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ، دېموكراتىيىنى، ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىشى ئىدى. بۇ ئەسلىدە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ساغلام بولغان كەيپىياتتىكى بىر خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىدى. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مايدانغا چىقىشى بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ساغلام بولغان دېموكراتىك كەيپىياتنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى، مەسىلەن: بۇ قېتىمقى نامايىش مايدانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھار قايسى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئوقۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان. شۇ دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى خوجايىنلىرى دەپ قارايتتى. ئۇلاردا ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ھەرقانداق مەجبۇرىيەتنى ئوز ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت جەسۇرانە ئىرادە بار ئىدى.

 
بولۇپمۇ خۇ ياۋباڭ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كىيىن، “خۇ ياۋباڭنىڭ بۇرژۇئازىيىچە ئەركىنلەشتۇرۋېتىش ئىدىيىسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاش“ نامى بىلەن مۇشۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا ياشلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا “تازىلاش ئوبيېكتلىرى” قىلىندى. ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن، تېخى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈر ياش ئەزىز ئەيسانىڭ بىر ۋاراق يازمىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە، بىر ئۆمۈر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ “قارا تىزىملىكى” دە خەۋپ ئىچىدە ئەنسىز ياشاشقا مەجبۇرلىنىشىدەك جازالارغا مەھكۇم قىلىنىشى بۇ بايانلىرىمىز ئۈچۈن تىپىك بىر ئىسپات بولالايدۇ. گەرچە ئەزىز ئەيسا ئەڭ ئاخىرىدا بېشىغا كەلگەن قىسمەتلىرى سەۋەبىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىش يولىنى تاللاپ بۇ ئاسارەتتىن ۋاقىتلىق قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەن ئىچىدە ئەنە شۇنداق ئاسارەت ئىچىدە، خورلۇق ۋە ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان “ئەزىز ئى ئەيسا” لارنىڭ نەچچە ئون مىڭى ھېلىمۇ ھەم بار. مانا بۇ ئوخشاشلا “جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى” دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار بىلەن خەن (خىتايلار) نىڭ ئوخشىمايدىغان تەقدىرى.

 
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئىلىم پەن ئۇگنىش ۋە چەتئەل تىلى ئۇگنىش كۇرجەكلىرىنى قۇرۇپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم پەن ئۆگىنىشكە، مەدەنىيەت ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن. ئەينى چاغدا مۇشۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەر شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھەتتا خىتاينىڭ “5-ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى” گە ئوخشاش كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بىر قېتىملىق مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى بولغان دەپ باھا بېرىشىدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئاكتىپلىقى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە قانۇنسىز ئىش ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىغان، مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلەتتى. ئەگەر مۇشۇ قېتىمقى يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى يېتەكلىيەلىگەن، مەسىلىنى ھەل قىلالىغان بولسا، شۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشىگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئىشتىراك قىلىشى، ياردەم بېرىش جەھەتلەردە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر باشلىنىش بولۇپ قالاتتى.

 
شۇ قېتىمقى 12- دېكابىر ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مەسىلەن: ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، كورلا، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار قوشۇلۇپ ئاز دېگەندىمۇ 15 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىدى. بۇ شوئارى ئېنىق بولغان، ئېنىق نىشانى بولغان بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ شوئارى ئارقىلىقلا بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەقسەت، مۇددىئالىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلارنىڭ شوئارى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولغان:

 
1.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېموكراتىك سايلامنى ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇش؛

2.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتوم سىنىقىنى توختىتىش؛

3.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر لاگېرى قىلىش ۋە كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش؛

4.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى يۈرگۈزۈش؛

5.مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزمەكچى بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

6.ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

 
مەن 12- دېكابىر ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىر تۇتاش قوزغالغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شوئارىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ، شۇ ھەرىكەتنىڭ پىداكارلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇنىڭ ماڭا تەمىنلەپ بەرگەن يازما ھۆججەتلىك ماتېرىياللارنى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تورلاردا ئېلان قىلىنغان شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەۋاتقان قۇلايلىق خىزمەت پۇرسىتىمدىن پايدىلىنىپ ئىچكى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ شوئارلىرىنىڭ پايدا بولۇش سەۋەبلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. بۇ يازغانلىرىم ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇشۇ قېتىمقى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئەينەن ماھىيىتى بويىچە چۈشىنىشىگە پايدىسى بولار دەپ قارايمەن.

 
ئالدى بىلەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر ماددا كۈچلۈك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان “شىنجاڭدا دېموكراتىك سايلامنى ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇش” دېگەن ماددىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاينى چاغدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەت ئىدى. پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە ئوقۇتقۇچىلىقتىن كېلىپ چىققان بۇ رەھبەر خەلققە بىر قەدەر يېقىن ئىدى. بىراق 1985-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ چەتئەلگە زىيارەتكە كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىنى ئۆزلىرى خالىغانچە ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىچە ئۇنىڭدىن نەچچە ياش چوڭ دېھقان رەھبەر تومۇر داۋامەتنى يالغان سايلام ئۇسۇلى بىلەن رەئىسلىك ئورنىدا ئولتۇرغۇزغان ئىدى.

 
ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلغىنى يەرلىك سايلام قانۇنىغا، ئاپتونومىيە قانۇنىغا ۋە دېموكراتىك سايلام قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇش بىلەن بىرگە خەلقىنىڭ رايىغىمۇ خىلاپ ھەرىكەت ئىدى. 12- دېكابىر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى شۇ چاغدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى سوڭ خەنلىياڭ بىلەن ئېلىپ بارغان 6 سائەتلىك مۇنازىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاپتونومىيە سايلام قانۇنى يولى بىلەن قانۇنلۇق سايلانغان رەئىس ئىسمائىل ئەھمەتنى ئۇنىڭ خىزمەت ۋاقتى تېخى ئاخىرلاشماستىنلا سەۋەبسىز “دۆڭگە يېقىتىپ” بېيجىڭغا يۆتكىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن نەچچە ياش چوڭ تومۇر داۋامەتنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاندا، سوڭ خەنلىياڭ ئوقۇغۇچىلارغا رازى بولغۇدەك بىرەر جۈملە سوز بىلەن چۈشەنچە بېرەلمىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىزغىنلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ مىللىي دېموكراتىيە چوڭ مۇھىتى ئىچىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىكى ساغلام مىللىي روھ ۋە بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان پۇقرالىق روھىنىڭمۇ بىر خىل نامايەندىسى ئىدى.

 
ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بۇنداق شوئارلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. دېموكراتىك سايلام مەسىلىسى، “تارىختىن بىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناشنىلا بىلىدىغان، سىياسەتكە قىزىقمايدىغان، ھەتتا كىمنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بۆلىشى بىلەنمۇ كارى بولمايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى” غا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم ‘دېموكراتىك سايلامنى ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇش’ تەلىپىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇشى ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى سوڭ خانلىياڭنىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ ئويغىنۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرەتتى.

 
ئەگەر نورمال تۈزۈلمە ئاستىدىكى قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان، پۇقرالار دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق نازارەت قىلالايدىغان دۆلەتتە بۇ خىل مىللىي روھنىڭ بۆلىشى تولىمۇ نورمال ھالەت ئىدى. بىراق بىزنىڭ ياشاۋاتقىنىمىز مىللىي روھنى، دېموكراتىيىنى ۋە پۇقرالىق ئاڭنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان نورمالسىز، شەكلى بۇرمىلانغان تۇزۇم ۋە شەكلى بۇرمىلانغان جەمئىيەتتىكى بىر دۆلەت ئىدى. تەبىئىيكى مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ياشاۋاتقان شۇ جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىدى.

 
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاي ھەربىي دائىرىلەر 1964-يىلدىن 1985-يىلغا قەدەر بولغان 22 يىل جەريانىدا خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە پەرۋا قىلماستىن نۇرغۇن قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ باردى. ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ “ئاتوم سىنىقىنى قەتئىي توختىتىش” دەپ نامايىش قىلىشىنىڭمۇ ئاساسىي بار ئىدى. 1964-يىلى 10-ئايدا لوپنۇرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتلاپ، ئاتوم سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى دۇنياغا جاكالانغاندىن بۇيان، ئاتوم سىناق مەركىزى مالەن ئەتراپىدىكى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان رايوننى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرخىل غەلىتە كېسەللەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى، شۇ چاغلاردا ھاۋا كىلىماتىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشلار كۆرۈلگەن ئىدى. “شىنجاڭدىكى ئاتوم سىناق مەيدانىنىڭ مەركىزى بولغان تاغ تېكە جىلغىسى، ئاھالىلەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان كورلا شەھىرى ۋە لوپنۇر ناھىيىسى، شۇنداقلا مىليونلىغان يەرلىك خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بولغان رايونىمىزدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك تاتلىق سۇ كۆلى – بوستان كۆلى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 270 كىلومېتىرلا كېلەتتى.(2)  ئاتوم سىناق رايونىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات مەركىزى بولغان مالەننىڭ ئارىلىقى بولسا ئاران 180 كىلومېتىر كېلەتتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش 2- دېۋىزىيىسىنىڭ 36- دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 127 كىلومېتىر كېلەتتى”. مۇشۇ يەردە يىللاردىن بىرى كوپ قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەردە ھەر خىل غەيرىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ غەلىتە كېسەللەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كوپ كۆرۈلۈۋاتقىنى ھەر خىل تىپتىكى راك كېسەللىكلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغانلىرى ئۆپكە راكى ئىدى.

 
ئاتومنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن بالاسى مىللەت ۋە ئىرق ئايرىمايدۇ. بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى مەيلى ئۇنىڭ كىم بۆلىشى ۋە قايسى مىللەتتىن بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئوخشاشلا ئاتومنىڭ ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشى سەۋەبىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېسەللەرنىڭ ھەرقانداق بىرسىگە دۇچار بۆلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق خىتاي دۆلىتى ئاتوم سىنىقىنىڭ بۇ رايوندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى باشتىن ئاخىرى خەلقتىن يوشۇرۇپ كەلدى. ھەتتا كۆرۈلۈپ بولغان يامان ئاقىۋىتىنىڭمۇ ئەينەن ئەھۋالىنى خەلقتىن سىر ساقلىدى ۋە شۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۇشتى.

 
ھەقىقەت، ئاتوم سىنىقىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان بىۋاسىتە زىيىنىنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا لوپنۇردا تۇرۇپ ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە قۇرۇقلۇق 8023- قىسىمنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسىنىڭ ئەرزنامىسىدە، ئاينى چاغدا شۇ سىناققا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ خېلى كۆپى دېگۈدەك ھەرخىل غەلىتە كېسەللەر بىلەن ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقى بايان قىلىنغان.ئۇنىڭدا يەنە ئاتوم سىنىقىغا قاتنىشىپ ھايات قالغان خىتاي ئەسكىرىدىن بىرىنىڭ ئۆزى، ئوغلى، نەۋرىسى بولۇپ ئۇچ ئەۋلاد كىشىلىرى ئەنە شۇنداق ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە كېسەل بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بىرى پۈتۈن بايلىقىنى سەرپ قىلىپ توختىماي داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تا ھازىرغىچە ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاتوم سىنىقىدىن پەيدا بولغان قۇم بورانلار غەرب تەرىپكە قاراپ ئۇچقاچقا، يېقىن ئېتىراپتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ھاياتىغىمۇ زور ئاپەت ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئاتوم سىنىقى سەۋەبلىك مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرى ھەتتا قازاقىستانغىمۇ بارغان بولۇپ، قازاقىستاندىمۇ ئاتومنىڭ تەسىرى بىلەن غەلىتە تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆرۈلگەن.

 
ياپونىيەلىك ئالىم گاو تئاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدا، لوپنۇردا 32 يىلدىن بىرى ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىنىقى جەريانىدا ئاتومنىڭ بىۋاسىتە زەھەرلىشى بىلەن راك كېسىلى ياكى قان راكى كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان خالىقنىڭ سانىنىڭ 190 مىڭغا يەتكەنلىكى، 35 مىڭ نەپەر بوۋاقنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرىدىن غەلىتە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ قالغانلىرى بولسا ھېلىھەم “ئۇن–تۈنسىز ھالدا ئەنە شۇ ئاتومنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ ياشاپ كەلمەكتە”، “بۇنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى رۇسىيەنىڭ چۆرنوبىلسكى ئاتوم ئېنېرگىيە زاۋۇتىنىڭ يارتىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاپەتنىڭ نەچچە يۈز ھەسسىسىگە باراۋەر” ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

 
1985-يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان يولدا ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ نەچچە يۈزلىگەن جىنايەتچىلەر سولانغان، دېرىزىلىرى تومۇر بىلەن پاياتلانغان، ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ نومۇرى يېزىلغان جىنايەتچى توشۇش ئاپتوبۇسلىرىنى نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلارنىڭ يالاپ مېڭىشى بىلەن تارىم ئويمانلىقى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئەنە شۇ يىللىرى كىشىلەر يەنە جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىدا توسۇقلار قويۇلۇپ، تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن يولدىن ئوتكەن ئاپتوبۇسلارنى بىر بىرلەپ تەكشۇرۇلىۋاتقانلىغىنىمۇ كۆرىدۇ.

 
بۇ ئەھۋال مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يەنە تېخى كىشىلەر بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كىيىن مۇشۇ يەردە قېلىپ ئۆزلىشىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە 20- ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن باشلاپ ناھايىتى نۇرغۇن خەن كۆچمەنلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر رايونلىرىغا ۋە سۇ مەنبەسى باي بولغان يەرلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار يەرلىك خەلق بىلەن سۇ بايلىقى، تېرىلغۇ يەر ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنى تالىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ناھايىتى ئاسانلا ئېرىشەلەيتتى. بىراق يەرلىك خەلق ئۈچۈن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا يېزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسىغا يۆتكەشتىن ئىبارەت شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىشمۇ ئاسمانغا چىققاندىنمۇ قىيىن ئىدى. مانا ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇشۇ كۆچمەن جىنايەتچىلەرمۇ ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ زېمىنغا يەرلىشىپ، بۇ يەردىكى خەلق بىلەن داۋاملىق مەنپەئەت تالىشىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنى ئەنسىرىتەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلار “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئېغىر جىنايەتچىلەر لاگېرى قىلىش ۋە كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش” تىن ئىبارەت شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 
ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن يىل خىتاي ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ “ شىنجاڭدا مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇش“ شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىمۇ يېتەرلىك ئاساسى بار ئىدى. بۇنداق دېيىشىمدىكى ئاساسلارنىڭ بىرى، گەرچە “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” نىڭ قۇرۇلغىنىغا 58 يىل بولغان بولسىمۇ، پۈتۈن خىتايدا ھازىرغا قەدەر “ئاپتونومىيە” دېگەن پەقەت بىر قۇرۇق نامدىنلا بولۇپ، بۇ خۇددى پۇلى ئەمەلىيلەشمىگەن قۇرۇق چەكتىنلا ئىبارەت ئىدى. خىتايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايون، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون”، تىبەت زاڭزۇ ئاپتونوم رايون، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايون، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت خىتاي دۆلىتىدىكى سانى ئاز بولغان بەش “ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونى” بار بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن خىتاي مەركىزىدە ھازىرغىچە “ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كونكرېتنى قوللانمىسى” تۈزۈلمىگەن ئىدى. قانۇننى ئىجرا قىلىشتا كونكرېت قوللانما بولمىسا بۇ خۇددى “جىنايى ئىشلار قانۇنى “بولۇپ، ئۇنىڭ تەرتىپ قانۇنى بولغان “جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى” بولمىسا “جىنايى ئىشلار قانۇنى”نى ئىجرا قىلغىلى بولمىغاندەك بىر ئىش ئىدى. چۈنكى تەرتىپ قانۇنى قانۇننى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشنىڭ قوللانمىسى ئىدى، ئەگەر تەرتىپ قانۇنى بولمىغاندا ھېچقانداق قانۇننى ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمايتتى، نەتىجىدە قانۇن، قانۇن پېتى قەغەز يۈزىدە قېلىۋېرەتتى.

 
ئەمەلىيەتتە “قالپاقنىڭ ئىچىدە قىرغىز يوق” ئىدى. بۇ ئەھۋالنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن تۈزەش ئورۇنلىرى ئەلۋەتتە مەندىن ياخشى بىلىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكىلەرگە ئورتاق بولۇپ، بۇ ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلارغا قۇرۇق نامدىن باشقا ھېچنەرسە بەرمىگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى باشقا سىياسەتلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن سىياسەتلەردە يوشۇرۇن ئالدامچىلىقلار مەۋجۇت ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قۇرۇق نامدىكى مەمۇرى تۈزۈلمە ئارقىلىق ئوز دۆلىتىدىكى ئاز ساندىكى مىللەتلەرنى ئۇزۇن يىللارغىچە ئالدىشىنى كىشىلەر بارغانسېرى تونۇپ يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى يۈرگۈزۈش” تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بۇ شۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئارزۇسى بولماستىن، ئۇ يەنە پۈتۈن خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى. بىراق مۇستەبىت تۈزۈلمە ئاستىدىكى خەلق ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك تەلىپىنىمۇ دادىلراق ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىدى.

 
ئىسلام دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى قەستەن ئالدۇرۇۋېتىش ئىسلامدا قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە پەرزەنت ئاللاھ تائاللانىڭ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى مۇكاپاتلاپ بەرگەن قىممەتلىك سوۋغىتى بولۇپ، ھەر بىر پەرزەنت تۇغۇلسا ئۇنىڭ رىسىقىسىنى ئاللاھ بېرىدۇ. پەقەت كىشىلەر تىرىشىپ ئىشلىسىلا، ئوز پەرزەنتىنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ بېقىپ كېتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى باشقىلارغا بېرىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى پۇلغا ساتىدىغان ئادەت زادىلا يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان “مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزمەكچى بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش” شوئارى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئورۇپ ئادىتىگە ئۇيغۇن ئىدى. كېيىنكى يىللاردا پىلانلىق تۇغۇتنى قوپاللىق بىلەن مەجبۇرى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا شۇ ئېتىزلىقنىڭ ئۆزىدە ياتقۇزۇپلا تۇغۇتنى چەكلەيدىغان ئەسۋابلارنى سالىدىغان، ئاياللاردا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتكە ھېچ كىشى ئىگە بولمايدىغان،ھەتتا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى 8 ئايدىن ئاشقان بالىنىمۇ مەجبۇرى ئالدۇرۇۋېتىشتەك ئانا بالىلارنىڭ ياشاش، پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ – ئاستى قىلىدىغان ئىشلار كۆپلەپ كۆرۈلگەنلىكتىن، غەزەپلەنگەن جامائەت پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىغا ئوت قويىدىغان، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچى خادىملىرىنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈش ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىشتەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق بولغان ۋەقەلەر ھەمىشە دېگەندەك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى كىشىلەرنىڭ يۈرەك پارىلىرى بولغان پەرزەنتلىرى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئاياللارنىڭ ئانا بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ھوقۇقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان ئىدى. بۇنى ھېچقانداق بىر نورمال ئىنسان قوبۇل قىلالمايتتى، ئەلۋەتتە!

 
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك مەجبۇرى يولغا قويغان “پىلانلىق تۇغۇت” سىياسىتى خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. چۈنكى بۇ قىلمىشلار نورمال ئىنساننىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئىچكىرىدىن كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىپ، بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرسىلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى ھەرگىز ئېشىپ كەتمەيتتى، بۇ يەرلىك خەلقىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى، دەپ قارايتتى.

 
ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شوئارى “ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇش” تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ شوئار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر قايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مىللىي مەكتەپ بىلەن خىتايچە مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلاردا پەرق ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئەڭ ياخشى مەكتەپ بىناسى ، ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش سايمانلىرى ۋە ئەڭ يېڭى ئوقۇتۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولسا تەييار دەرسلىك يوق ئىدى، دەرس ئۆتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى بولسا مۇئەللىملەر كېچىلىرى ئۇخلىماي ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇنى ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا ياكى شاپىرگىرافتا كۆچۈرۈپ دەرسلىك ئورنىدا ئىشلىتەتتى. تەبىئىي پەن دەرسلىك كىتابلىرىنى مۇنتىزىم نەشرىياتتا نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچىرەت ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، بۇ دەرسلىكلەر خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىپ ئاز دېگەندىمۇ 3-4 يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تېگەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئەڭ يېڭى ئىلىم – پەن بىلىملەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيتتى. ئۇ چاغلاردا كىتابخانىلاردا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تەبىئىي پەن كىتابلارنى تاپماق قىيىن ئىدى.

 
ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى. 1985- يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن “چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش” دېگەن سۆزنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، بىراق شۇ يىللاردا ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن 30 مىڭدىن كۆپرەكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇراتتى. (4) مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىي مائارىپنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى، كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئامىللار ئىدى.

 
“كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال” دېگەندەك، 1985- يىلى 12-ئاينىڭ 10- كۈنى، نامايىش باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن مۇشۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى. شۇ كۈنى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزەلدىن يۈرەك كېسەل تارىخى بولۇپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلار داھىيسى مىجىت قۇربان يۈرەك كېسىلى بىلەن ناھايىتى سىرلىق ھالەتتە توساتتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ساۋاقدىشىنىڭ توساتتىن ئالەمدىن ئۆتۈشى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى جۇدالىقنىڭ ئازابىدا ئۆرتەندۈرۈش بىلەن بىر چاغدا، يەنە ئۇلارنىڭ نامايىش ئارقىلىق ساۋاقدىشىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كۆپچىلىك ئەنە شۇ چاغدىكى قاتناش قۇلايسىز، ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىمۇ راۋان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ساۋاقداشلار يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپلەر ئارا پىيادە يۈرۈپ ئالاقىلىشىش ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ توسۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېرىم كېچىدە مەكتەپ تاملىرىدىن ئارتىلىپ مەكتەپ سىرتىغا چىقىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى. شۇ قېتىمقى نامايىشقا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەممە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 15000 غا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. ھەتتا ئەزىز ئەيسادەك ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرمۇ ئۈرۈمچىدىن مىڭ كىلومېتىر يىراقتا تۇرۇپ مۇشۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ۋە بۇ ھەرىكەتكە ھەمنەپەس بولدى.

 
شۇ قېتىمقى نامايىشتا گەرچە ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارغا ئوز ئىلتىماسلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا رەھبەرلەرنىڭ بەرگەن بىر توقاي ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ غەلىبە شاتلىغى بىلەن ھەممەيلەن ئوز مەكتەپلىرىگە قايتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇنغا بارمايلا شۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باشقا تەشكىلاتچىلىرى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ قاتتىق تەكشۈرۈلدى ۋە قولغا ئېلىندى، يەنە بىر قىسىملىرى بولسا مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە باغلانغان 15000 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوپ قىسمى دېگۈدەك ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالاندى ۋە سىياسىي زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، ھەتتا بۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئەزىز ئەيسانىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئوزىلا بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

 
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغا ۋەقە ئارقىلىق “شىنجاڭدىكى تېررورچىلار” ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق “چىلار”نىڭ “پايدا بولۇش” مەنبەسىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىۋالالايمىز. گەرچە بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باشقا خىتاي ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئويغانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 1985- يىللىرىدىن باشلاپلا ئوز مىللىي كىملىكىنى تونۇش ئاساسىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىنىڭ ئاللا بۇرۇن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى سايلام ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى قىممىتىنى بىلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارىتا ئۇيغۇرلار “ياق!” دېيىشنى بىلگەن ئىدى.

 
ئاخىردا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئاقىلانە ھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يولى مۇستەبىتلىك، يولسىزلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن توسۇلغاندا، ئەسەبىيلىك ھەممە يەرگە يامراشقا باشلايدۇ . چۈنكى ھەرقانداق بىر ھاياتلىقنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش چېكى بولىدۇ. ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇقى چەكسىز كۈچىيىپ، قانۇن ھۆكۈمرانلارنىڭ قولىدىكى بىر قورچاققا ئايلانغاندا؛ خەلقىنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان چاغدا؛ جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى بېسىم خۇددى شارچىغا يەل بەرگەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بېسىم كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىر بولغاندا، خۇددى شۇ شار توپىغا ئوخشاش ئاخىرى پارتلىماي قالمايدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي ھەم تالاش تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان بىر قانۇنىيەتتۇر.

 
2013- يىلى 16- نويابىر.

 
 
 
____________________________________________________

 
ئىزاھات:
 
بۇ ماقالە ئەسلى خىتايچە يېزىلغان ۋە خىتايغا نەزەر، ئۇيغۇربىز ، بېيجىڭ باھارى قاتارلىق سەھىپىللىرىدە  نەشر قىلىنغان .مەزكۇر ماقالە شۇ خىتايچە مەنبە ئاساسىدا ئاپتور تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئايشەمگۇل نۇرمەمەت خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەر ئاساسىدا ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

 

مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر تىلىدا تۆۋەندىكى تور سەەھىپىللىرىدە نەشىر قىلىندى:

 
ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
http://www.azizisa.org/1985-12-dekabir-oqughuchilar-herkiti  

PDF ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
http://www.azizisa.org/AzizIsa_12Dekabir_1985_Herket_ar.pdf 

Uyghur Latin yeziqida
http://www.azizisa.org/en/elkun-12-dekabir-oqoghuchilar-herkiti

Uyghur Latin yeziqida PDF
http://www.azizisa.org/AzizIsa_12Dekabir_1985_Herket_la.pdf

 
 

ماقالە خىتاي يېزىقىدا تۆۋەندىكى تور سەھىپىسىدە نەشىر قىلىندى:

北京之春:  http://beijingspring.Com/bj2/2010/170/20131115183919.htm

Aziz Isa Elkun:  http://www.azizisa.org/AzizIsa_Uyghur_12Dec_1985_cn.pdf   – PDF

 
 

ماقالە ئېنگىلىز يېزىقىدا تۆۋەندىكى تور سەەھىپىللىرىدە نەشىر قىلىندى:

Read this article in English
http://www.azizisa.org/en/elkun-12december-student-protest

http://www.azizisa.org/AzizIsa_Uyghur_12Dec_1985.pdf  (PDF)
 
_______________________________________________
 

ماقالىدا پايدىلانغان مەنبەلەر:

 

(1) 炎黄春秋- 副社长回忆披露:胡耀邦下台前曾被批7天半.

https://groups.google.com/forum/#!msg/paste/6Z4GKP6XE7I/8GvTKsY8gjYJ

(2) 大纪元2011年03月26日讯.

http://us.dongtaiwang.com/loc/mobile/ywm.php?do=/11/3/26/n3209538p.htm

(3)  大纪元2011年03月26日讯.

http://us.dongtaiwang.com/loc/mobile/ywm.php?do=/11/3/26/n3209538p.htm

(4)  1978-2011年,中国总计送出了224.51万留学生.

http://edu.163.com/13/0114/17/8L6OVHE100294IIH_all.html



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !